0 / 0

ئىبادەت قېيىن بولغانسېرى، ئۇنىڭ ئەجىر-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟

سوئال: 109237

ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟ پىيادە مېڭىپ ھەج قىلسام،   بۇنىڭ ساۋابى كوپ بولىدۇ دېگەن كىشىنىڭ سۆزى توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلارئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقاخاستۇر.

ئەگەر قىيىنچىلىق،جاپا-مۇشەققەت شۇ ئەمەلئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىن بولىدىكەن ئۇنىڭئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ. ئەمما ئۇ شۇئەمەلنى قىلغۇچى كىشىنىڭ ھەرىكىتىدىنبولىدىكەن، ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ.بەلكى بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئۇنىڭ ئۈچۈنگۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.مەسىلەن: ئىنسان ماشىنا ياكى ئايروپىلان بىلەنكېلىپ ھەج قىلدى، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قېلىشجەريانىدا ياز كۈنلىرى ئىسسىقتا، قىش كۈنلىرى سوغۇققاتوڭۇپ جاپا چەكتى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغانقىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى، ئۇ كىشىئۇچرىغان بۇجاپا-مۇشەققەتلىرى ئۈچۈن ساۋابقائېرىشىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇكىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىن بولمىدى بەلكىپەسىللەر ۋە باشقا سەۋەبلەردىنبولدى. ئەمما ئۇ كىشى ئۆزىنى مەجبۇرى كۈننۇرىغا توغرىلاپ، ئىسسىقتىن ساقلانماي ياكى ئىمكانىيىتى تۇرۇپئۇنىڭ چارىسىنى قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىلمىشىغاساۋاپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئۆزىگە كۈن نۇرىداتۇرۇشنى نەزىر قىلغان كىشىنى ئەيىبلىگەنۋە بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن. ئىنساننىڭئۆز نەپسىنى ئازابلىشى، ئۇنىڭ ئۆزىگەزۇلۇم قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا زالىملارنىياقتۇرمايدۇ.

سۆزىمىزنىڭخۇلاسىسى: ئەمەل-ئىبادەت ئارىسىداجاپا-مۇشەققەت سىزنىڭسەۋەبىڭىزدىن ھاسىل بولغان بولسا، بۇنىڭئۈچۈن سىز ساۋابقا ئېرىشەلمەيسىز.ئەمما سىزنىڭ ئىختىيارلىقىڭىزسىز يۈز بەرگەنبولسا بۇنىڭغا سەبىر قىلسىڭىز ئەجىر-ساۋابقائېرىشىسىز.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android