0 / 0

مەھرەمسىز ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىش توغرىسىدا

سوئال: 161002

مەن بىر مۇسۇلمان قىز، ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كاپىرلارنىڭ دىيارىدا ياشايمەن. ئىككى ھەرەم دىيارىغا ئوخشاش ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ دىيارىغا كېتىشنى ئويلايمەن، ئانام بۇ پىكرىمگە قارشى تۇرىۋاتىدۇ، ئەمما مەن ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان زېمىندىن يىراق بولۇپ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ياشاش ئۈچۈن ئىككى ھەرەم زېمىنىغا ھىجرەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ مەھرەمسىز ھىجرەت قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟، كاپىر دىيارىدا ئانامنى يالغۇز تاشلاپ كەتسەم قانداق بولىدۇ؟، ئانام مېنىڭ ئۆزىنى يالغۇز تاشلاپ كېتىشىمنى خالىمايدۇ، مەن بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن، ماڭا توغرا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىلمىڭلارنى زىيادە قىلسۇن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەسلىدە خانىم-قىزلارنىڭمەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇھەقتە ئىلگىرى (101520 ۋە 145413) نومۇرلۇقسوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى توختالغان ئىدۇق.لېكىن ئالىملار يۇقىرىقى ھۆكۈمىدىن بۇھۆكۈمنى ئىستىسنا قىلدى: يەنى خانىم-قىزلار ئۈچۈنۋاجىپ بولغان سەپەرلەر دەپ ئۇنىڭجۈملىسىدىن: كاپىر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىشدېگەننى ئايرىدى.

ئىمامنەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ئالىملار ھەممىسى بىردەكخانىم-قىزلارنىڭ ھەج-ئۆمۈردىن باشقاسەپەرگە مەھرەمسىز چېقىشى توغرابولمايدۇ، دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەنبولسىمۇ، لېكىن كاپىر دىيارىدىن ھىجرەت قىلىشمەسىلىسىدە، خانىم-قىزلارنىڭ مەھرىمى بولمىغانئەھۋال ئاستىدىمۇ كاپىر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغامەھرەمسىز ھىجرەت قىلىشىنى توغرا دەپ قارىدى، چۈنكىخانىم-قىزلار كاپىر دىيارىدا ئۆز دىنى ۋە ئەقىدىسىنىئاشكارا قىلالماستىن ياشىشى، شۇنداقلا ئۆزىۋە دىنىنى يوقىتىپ قويۇشتىنئەنسىرىسە، مەزكۇر رايوندا ياشىشى ھارامدۇر”.تۈگىدى. [“شەرھى سەھىھ مۇسلىم” (9-توم104-بەت].

ئەبۇلئابباس قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “ئالىملار، ئايال كىشى ئۆز نەپسىدىنۋە دىنىدىن ئەنسىرىگەن ۋاقىتتامەھرەمسىز يالغۇز سەپەر قىلىشى زۆرۈربولىدۇ، دېگەن قاراشتا بىرلىككەكەلگەن.” تۈگىدى. [“ئەل مۇپھەملىما ئەشكەلە مىن تەلخىس كىتاب مۇسلىم” 6-توم11-بەت].

“دىننىتۇرغۇزۇش مۇھىم بولۇپ، ئۇ مۇھىم ئىشنىئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلىپ بارىدىغان ئىشمۇمۇھىمدۇر”. [مەتالىب ئەۋلىيەننۇھا3-توم 433-بەت.

يۇقىرىدىكىدەلىللەرگە ئاساسەن ئەگەر سىز ھازىرياشاۋاتقان دۆلەتتە ئىسلام شوئارلىرى ۋە دىنىئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ئەركىنلىكىڭىزبولمىسا ياكى ئۆزىڭىز ۋە دىنىڭىزنىڭزايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرسىڭىز، ئۇۋاقىتتا ئۆزىڭىز ۋە دىنىڭىزنى تىنچلىققائىگە قىلالايدىغان باشقا بىر دىيارغا ھىجرەت قىلىشىڭىز لازىمبولىدۇ. دىننى قوغداش ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىلگىرىتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئانكىرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَإِن جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَبِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا تەرجىمىسى:ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغاننەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكەزورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنياداياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيانيەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن). [سۈرە لوقمان15-ئايەت].

ئەمما سىز ھازىر ياشاۋاتقاندىيارىڭىزدا، ئىسلام شۇئارلىرىنى تۇرغۇزۇپ، دىنىئىبادەتلىرىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىپ،ئۆزىڭىزگە ئىگە بولۇپ ياشاش شارائىتىدابولسىڭىز، بۇنداق ھالەتتە سىزنىڭ باشقا دىيارغاھىجرەت قىلىشىڭىز ۋاجىپ ئەمەس بەلكىمۇستەھەبدۇر.

بۇ ۋاقتىدا سىزنىڭيالغۇز سەپەر قىلىشىڭىز ئىككى تەرەپتىن توغرابولمايدۇ: بىرىمەھرەمنىڭ بولماسلىقى، يەنە بىرىئانىڭىزنىڭ سەپەر قىلىشىڭىزغا رۇخسەتقىلماسلىقىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام بەھۇتىيرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:”مۇستەھەپ بولغان سەپەرلەرگەئاتا-ئانىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىقىش كېرەك،چۈنكى ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش پەرز ئەيىن بولغانئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنداق بولغانئىكەن، پەرز ئەيىن بولغان ئەمەللەرپەرز كۇپايە ۋە باشقا مۇستەھەپئەمەللەردىن ئادا قىلىشتا ئىلگىرى تۇرىدۇ”.[كەششاپ ئەلقەننائ”ناملىق ئەسەر 6-توم322-بەت].

شۇنىڭ ئۈچۈن سىزئانىڭىزغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ،ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ ۋەھەرۋاقىت ھەمراھ بولۇشىڭىز ھارپىسىدا بەلكىمئاللاھ تائالا سىزنىڭ قولىڭىز ئارقىلىق ئانىڭىزنىمۇ توغرايولغا ھىدايەت قىلسا ئەجەب ئەمەس.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android