0 / 0

قۇرئان كەرىمنى يادلاش ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆسۈشىدىكى سەۋەبلەردىنمۇ؟

سوئال: 184570

بىر كىشى قۇرئان كەرىمنى ياد ئالغان بولسا، بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى زىيادە بولامدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، قۇرئان كەرىم ئىسلام شەرىئىتىدە يولغا قويغان تەلىم-تەربىيە يوللىرى ئارقىلىق، زىرەكلىكنى ھاسىل قىلىشىم قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنسانى ئەقىل-پاراسەتنىئۆستۈرۈش (يەنى پىسخولوگىيە ئىلىملىرى) ئىلمى تەخەسسۇسلاردىن بىرىبولۇپ، بۇ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىشقامۇناسىۋەتلىك تەتقىقات مەركەزلىرى،ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكىمۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشىۋە ئەھمىيەت بېرىشى ئارقىلىق ئاز بولمىغاننەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ۋەكەلمەكتە.

قۇرئان كەرىم يادقىلغۇچىنىڭ ئۇنى يادلاش جەريانىدائەقىل-پاراسىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنتەرتىپلىك ئىلمى تەتقىقات ۋەدەرسلىكلەرگە، قۇرئان كەرىم يادقىلدۇرۇش مەركەزلىرىدە ئوقۇغۇچىلارئارىسىدا ئىلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەرگە تايىنىش،ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرئان كەرىم ياد قىلىشتىن ئىلگىرىكىزېھنى قابىلىيىتى بىلەن ياد قىلغاندىن كېيىنكىئەھۋالىنى خەلقئارالىق ئىنچىكە ئەقىل-پاراسەتئۆلچەش بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپتۇرغۇزۇش كېرەك. ئاندىن كېيىنئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياش ۋەتەلىم-تەربىيە پەرقىگە رىئايە قىلىشبىلەن قۇرئان ياد قىلغان ئوقۇغۇچىنى قۇرئان يادقىلمىغان ئوقۇغۇچى بىلەن سېلىشتۇرۇپ،ئۇنىڭدىن چىققان نەتىجىگە قاراپھۆكۈم قىلىش كېرەك.

بىز مۇشۇ مەسىلەتوغرىسىدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدامەخسۇس تەتقىقات ئىلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاڭلىغان بولساقمۇلېكىن بىزھازىرغىچە بۇتەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگە ئىگەبولالمىدۇق.

بىز بۇ يەردە شۇنىكېسىپ ئېيتالايمىزكى، قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش ۋە تىلاۋەتقىلىش، قەلب پاكلىقى ۋە ئۇنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا بەندىگەبەرىكەت يېتىشنىڭ ئەڭ چوڭسەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ يەردەتۆۋەندە بېكىتىلگەن بىر قانچەتۈرلۈك ئىشلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى:قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىش بەندەئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن نۇربولۇپ، ئۇ نۇرنى ئاللاھ تائالا شۇ بەندىنىڭقەلبىگە تاشلايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭبىزگە بەرگەن خەۋىرى كۇپايەقىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: قۇرئانئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن پۇراقلىق لىمۇنغائوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمىتاتلىقتۇر.قۇرئانئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، لېكىن تەمى تاتلىقتۇر.قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغائوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، لېكىنتەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىقياۋا خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭپۇرىقىمۇ يوق، تەمىمى يوقتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 5020-ھەدىس.مۇسلىم رىۋايىتى 797-ھەدىس].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىنرىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: قەلبىدە قۇرئان كەرىمدىنھېچنەرسە بولمىغان كىشى خۇددى خارابى ئۆيگەئوخشايدۇ. [تىرمىزىيرىۋايىتى2913-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىيرەھىمەھۇللاھ تىرمىزىينىڭ سەھىھھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىككىنچى:قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشئۇنى چۈشىنىش، پىكىر قىلىش ۋەئويلۇنۇشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، بۇ دىننىتولۇق چۈشىنىشنىڭ ئاساسلىق يولىدۇر. قۇرئانئۆگىنىش جەريانىدىكى زېرەكلىك بولسا: ئاللاھ تائالاياقتۇرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئەمەللەرھەققىدىكىئايەتلەركەلگەندە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش. ئاللاھتائالا ياقتۇرمايدىغان ۋە غەزەپ قىلىدىغانئەمەللەر توغرىسىدىكى ئايەتلەر كەلگەندەئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئۈچىنچى:قۇرئان كەرىمدۇنيا-ئاخىرەتتە ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى،خاتىرجەملىك ۋە ئارامدىللىقىنىڭسەۋەبىدۇر. ئەقىل-پاراسەت ۋەزېرەكلىك،ئاسىلىقنىڭ ئاسارىتى ۋە غەم-قايغۇغا توشقانغاپىل قەلب ئىگىلىرى ئۈچۈنتولۇق ھاسىل بولمايدۇ.

تۆتىنچى: ئىسلامنىڭدەسلەپكى دەۋرىدە دۇنيادائەقىل-پاراسەت ۋە زېرەكلىك، ئاللاھنىڭكىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنى، پەيغەمبىرىمىزسەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭھەدىسلىرىنىياد قىلىش بىلەنئېتىبارغا ئېلىناتتى. بىز ئىلگىرى ئۆتكەن ئىمامتەبەرىي، قۇرتۇبىي، ئىبنى كەسىر،پەخرۇر رازىي، ئىبنى تەيمىيە ۋەئۇنىڭدىن باشقا پېشقەدەم تەپسىرسۇناشئالىملارنىڭ تەرجىمىھاللىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،بۇ ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. مانا بۇ قۇرئانكەرىمنى ياد قىلىشنىڭ ئەقىل-پاراسەتنىئۆستۈرۈشكە زور تۈرتكەبولىدىغانلىقىنىڭ بۈيۈك دەلىل ئىسپاتىدۇر.

بەشىنچى: قۇرئان كەرىمنىياد قىلىش بولسا، ھەقىقەتتە ئۇنىكۆپ ئوقۇش ۋەتەپەككۇر قىلىشتۇر. مۇشۇ ئەسىردەئىلىپ بېرىلغان كۆپلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىنشۇ ھاسىل بولدىكى، قۇرئان كەرىم قارىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىلنىڭ بىرىدۇر.چۈنكى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتائالانىڭ كالامىقۇرئان كەرىم بولسا، سۆزلەر ئارىسىدىكىئەڭ ساپ ۋە پاك بولغان سوزدۇر.

ھەممىدىنتوغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android