0 / 0

نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا قانداق قېلىش كېرەك؟

سوئال: 33582

ئەگەر مەن سۈننەت ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، مەن نامازنى داۋاملاشتۇرامدىم ياكى سالام بېرىپ جامائەتكە قېتىلىپ پەرز ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:ئەگەر پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، تەكبىرئېيتىلغان شۇ نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇلمايدۇ. [ئىماممۇسلىم رىۋايىتى 710-ھەدىس]. بۇ ھەدىستىن:پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا ھېچ بىر كىشىنىڭنەپلە ناماز باشلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا دالالەتقىلىدۇ.

ئىبنى قۇدامەرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “پەرزنامازغا تەكبىر ئېيتىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن باشقانامازنى ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەۋۋەلقىرەكئەتنى تاپالىسۇن ياكى تاپالمىسۇن بۇنىڭھېچ پەرقى يوق” بۇ ئەبۇھۇرەيرە، ئىبنى ئۆمەر، ئۇرۋە،ئىبنى سىيرىيىن، سەئىد ئىبنى جۇبەير، شاپىئىي، ئىسھاقۋە ئەبۇ سۇر قاتارلىق ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىدۇر. [ئەلمۇغنىي 1-توم 272-بەت].

بەزىئالىملار يۇقىرىدىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ،پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا، نەپلە نامازئوقۇۋاتقان كىشى دەرھال نامىزىنى بۇزۇپ پەرزنامازغا قېتىلىشى كېرەك دېگەننى ئىسپاتلايدۇ.

ھاپىزئەل ئىراقىي مۇنداق دەيدۇ: “پەرز نامازغاتەكبىر ئېيتىلغاندا ئۇنىڭدىن باشقا ناماز يوقدېگەن سۆزدىن، پەرز نامازغا تەكبىرئېيتىلغاندا باشقا نامازنى باشلاشقا بولمايدۇ ياكى تەكبىردىنبۇرۇن باشلىغان ناماز بولسىمۇ پەرزگە تەكبىرئېيتىلغاندىن كېيىن نامازغا دەسلەپتەكىرىشنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈنئوقۇۋاتقان نەپلە نامىزىنى بۇزۇشكېرەك دېگەنلىكمۇ بولىدۇ. شۇنداقلانەپلە نامازنى ناماز ئوقۇۋاتقۇچى بۇزمىسا،پەرزگە تەكبىر ئېيتىلغاندىن كىيىن ئۆزلىگىدىنبۇزۇلىدۇ دېگەنلىكنىڭمۇئېھتىماللىقى بار.يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئېھتىماللىققايېقىن.

شاپىئىيمەزھىپىدىكى ئالىم ئەبۇ ھامىد غەزالىدىن:”نەپلە نامازنى تاماملاش، نامازغا دەسلەپتەكىرىشنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشتىن چەكلەپ قويسا،ئۇ ۋاقىتتا دەرھال نەپلە نامازنىبۇزۇپ، پەرز نامازغا قېتىلىش لازىم”دېگەن قاراش نەقىل قىلىنىدۇ. ئىراقىينىڭيۇقىرىدىكى سۆزىنى شەۋكانىي نەيلۇلئەۋتار ناملىق ئەسىرى 3- توم 91-بەتتە بايانقىلغان].

سەئۇدىئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋاتەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىمۇمۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن. ئۇلاردىن:پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا نەپلە نامازنىبۇزۇپ ئىمام بىلەن پەرز نامازنى باشلايمەنمۇياكى نەپلە نامازنى تولۇق ئوقۇپ بولۇپ ئاندىنپەرز نامازنى باشلايمەنمۇ؟ دەپ سۇئال سورالغاندا،ئۇلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداقدېگەن: نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتاپەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلسا، ئىمام بىلەنبىرلىكتە نامازغا دەسلەپتە كىرىشنىڭ ساۋابىغائېرىشىش ئۈچۈن نەپلە نامازنى بۇزۇشكېرەك. پەيغەمبەرئەليھىسسالامدىن بايانقىلىنغان ھەدىستىمۇ: پەرز نامازغاتەكبىر ئېيتىلغاندا تەكبىر ئېيتىلغان شۇ نامازدىنباشقا ناماز ئوقۇلمايدۇ دېيىلگەن. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمىتەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى7312].

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھ ئۆز قارىشىنىكۈچلاندۇرۇپ، پەرز نامازغاتەكبىر ئېيتىلغان ۋاقىتتا نەپلەنامازنىڭ ئاۋۋالقى رەكئىتىدە بولسا، ئۇنىبۇزىدۇ، ئەمما ئىككىنچى رەكئەتتە بولسانامازنى قىسقا ئوقۇپ تاماملاپ ئاندىن پەرز نامازنى باشلايدۇدەيدۇ. بۇ قاراشقاپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇھەدىسىنى دەلىل قىلىدۇ: پەرزنامازدىن بىر رەكئەتنىئىمامبىلەن بىرگە ئوقۇشقا يېتىشكەن كىشى نامازغائۈلگۈرگەن بولىدۇ. [بۇخارىيرىۋايىتى580- ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 607-ھەدىس].پەرز نامازغا تەكبىر ئېيتىلىشتىنبۇرۇن بىر رەكەت نەپلە نامازنى تولۇقئادا قىلىپبولغان كىشى،نەپلە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىنىشتىن بۇرۇننامازنى تاپقان بولدى، ئۇ كىشى ئىككىنچى رەكئەتنى قىسقائوقۇپ نامىزىنى تاماملايدۇ، مانا بۇدەلىللەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. [شەرھى ئەلمۇمتىئ4-توم 238-بەت].

نەپلەنامازنى بۇزغاندا ئىككى تەرەپكە سالام بېرىشكەتمەيدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنىپەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىدىن: پەرزنامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا بامداتنىڭ ئىككى رەكەتسۈننىتى ياكى مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇۋاتقانكىشى جامائەت بىلەن بىرگە پەرز ناماز ئوقۇشئۈچۈن نەپلە نامازنى بۇزامدۇ؟ئەگەر بۇزىدىغان بولسا، نامازنى ئىككىتەرەپكە سالام بېرىپ بۇزامدۇ ياكىشۇنداقلا بۇزامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇسوئالغا: ئالىملارنىڭ توغرا قارىشى بويىچە ئوقۇۋاتقاننەپلە نامىزىنى بۇزىدۇ، ئىمام بىلەن بىرگەناماز ئوقۇش ئۈچۈن ناماز بۇزغاندا ئىككىتەرەپكە سالام بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپجاۋاپ بېرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھبىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى:سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۇرۇپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android