0 / 0

ئايالى روزا تۇتۇشنى خالىمايدۇ

سوئال: 38282

رىندىشىم دىندار بولسىمۇ لېكىن ئايالى دىنى چۈشەنچىسى يوق ئايال، رامىزان ۋە روزىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، ئۇلارغا يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بىرەر تۇغقانلىرىمىزمۇ يوق، قېرىندىشىم ئايالىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشتە بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئاللاھ تائالادىن ئايالىغا ھىدايەت تىلەپ، ئۆزگىرىشىنى تىلەپ، بۇ ئىشتا ئۆزىگە سەۋرچانلىق ئاتا قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، لېكىن ئايالى ھېچ ئۆزگىرىدىغاندەك ياكى مۇسۇلمانغا ئوخشاش ئىش قىلىدىغاندەك ئەمەس، قېرىندىشىمنىڭ ئايالىنىڭ دىندار بولىشى ۋە ئىسلامغا كۆپرەك يېقىنلىشىشى ئۈچۈن قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا تەۋسىيە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغائاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

قېرىندىشىڭىزئايالىنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن مۇمكىن بولىدىغان بارلىقۋاسىتىلەر بىلەن تىرىشچانلىق قىلىشى زۆرۈر،ئايالىغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋەئاگاھلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى، ئاللاھتائالانىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەسلىتىشى، ئۇنىڭئىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپنەسىھەت ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇشى، گەرچەتۇغقانلاردىن بولمىسىمۇ باشقا ياخشى ئاياللارغا ھەمرا قىلىشئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئۇنى دىندارياخشى ئاياللارغا ھەمراھ قىلىشى، پايدىلىق بولغان ئۈن-ئالغۇ، سىن-ئالغۇلىنتىلىرى، مەنپەئەتلىنەلەيدىغان كىتابلارنىھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. بۇنىڭغا بوي سۇنسابۇ ياخشى، ئەگەر بوي سۇنمىسا، ئۈنۈم بېرىشئېھتىمالى بار دەپ قارالسا يالغۇز قالدۇرۇشئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، چۈنكى ئەركىشىنىڭ ئۆز ھەققى ئۈچۈن ئايالىنى يالغۇزقالدۇرۇشى دۇرۇس بولغان يەردە، ئاللاھتائالانىڭ ھەققى ئۈچۈن يالغۇز قالدۇرۇشئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ.

ئەبۇئۇمامە ئەل باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇھەدىس بايان قىلىپ، مەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداقدېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: مەن ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىمداتۇيۇقسىز ئىككى كىشى يېنىمغا كېلىپ مېنىڭبىلىكىمدىن تۇتۇپ تىك تاغنىڭ يېنىغا ئىلىپ كېلىپ،تاغقا چىققىن دېدى، مەن چىقالمايمەن دېدىم، ئۇلار:چىققىن بۇ ساڭا ئاسان دېدى، مەن تاغقا ئۆرلەپئۈستىگە چىققاندا تۇيۇقسىز قاتتىق بىر ئاۋازنىئاڭلىدىم ، مەن: نېمە ئاۋاز دەپ سورىدىم،ئۇلار: بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ نالە-پەرياتلىرىدېدى، ئاندىن ئۇلار مېنى ئىلىپ ماڭدى، مەنتۇيۇقسىز جاۋغايلىرى ئىلمەك بىلەن ئىككىتەرەپكە تارتىلىپ قان ئېقىۋاتقان بىر بۆلۈم كىشىلەرنىڭيېنىغا كېلىپ قالدىم، مەن ئۇلار كىم؟ دەپ سورىسام،ئۇلار: بۇ كىشىلەر رامزاندا ئىپتارۋاقتىدىن بۇرۇنئىپتار قىلىغان كىشىلەر دېدى.[بەيھەقىرىۋايىتى 7796-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىرەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

ھەدىستەبايان قىلىنغان جازا، روزا تۇتۇپ مۇددەتتىنبۇرۇن ئىپتار قىلغان كىشىلەرنىڭ جازاسى بولسا،پەقەت روزا تۇتمىغان كىشىلەرنىڭ جازاسى قانداقبولار؟!.

قېرىندىشىڭىزنىڭئايالى روزا تۇتماسلىق بىلەن بىرگە پەقەتنامازمۇ ئوقۇمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايالئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپكەتكەن بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالئاستىدا قېرىندىشىڭىز ئۇ ئايالنى نىكاھىدا ساقلىشى توغرابولمايدۇ.

بۇ ھەقتەتېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن12828-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android