قەبرى ئازابىنىڭ سەۋەپلىرىدىن:
ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، مۇناپىقلىق، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆزگەرتىش، سۈيدۈكتىن پاكىزلانماسلىق، كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش، غەيۋەت قىلىش، يالغان سۆز قىلىش، قۇرئان كەرىمنى تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئوقۇماستىن تەرك قىلىش، پەرز نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلماسلىق، جازانە يېيىش، زىنا قىلىش، باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قىلىش، رامىزاندا ئۈزۈرسىز روزىسىنى بۇزىۋېتىش، غەنىمەتنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدا خىيانەت قىلىش، كىيىم-كېچەكنى تەكەببۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن كىيىش، ھاجىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغۇرلاش، ھايۋانلارنى سولاپ قويۇپ، ئاچ قويۇپ ئازاپلاش ۋە قەرزنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىقلاردۇر.