ئىسلام ئەقىدىسى قۇرۇق پەلسەپە پرىنسىپى ئەمەس، بەلكى رىئال ئەمەلىي پرىنسىپتۇر، ئەمەل بولسا مۇشۇ ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىر ئامىلدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى سۈننە ئالىملىرى ئىماننىڭ: سۆز ۋە ئەمەل ئىكەنلىكىگە ياكى تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن ئېتىقاد قىلىش ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن.
توغرا ئەقىدىنى ئۆگىنىشنىڭ يوللىرى بولسا، توغرا ئەقىدىنى بىلىدىغان، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىدىغان ئالىملاردىن بىۋاستە تەلىم ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر، مانا بۇ ئىمكانىيىتى بولغان كىشى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ۋە توغرا بولغان يولدۇر. بۇ توغرىدا تەپسىلى جاۋاپتا بايان قىلىنىدىغان ئەقىدە كىتابلىرىغا قارالسۇن.