2,899

ھەج جەريانىدا ھېيت كۈنى ئاغرىپ قالسا تاش ئېتىشقا باشقىلارنى ۋەكىل قىلامدۇ ياكى ئاخىرىقى كۈنگە كىچىكتۈرەمدۇ؟

سوئال: 106588

ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ھېيت كۈنى ئاغرىپ قالغان كىشى ئۆزى ئۈچۈن شۇ كۈندىكى تاشنى ئېتىشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا بولامدۇ ياكى پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىگە كېچىكتۈرۈپ ئۆزى ئاتقىنى ئەۋزەلمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھەج قىلغۇچىدا ھېيت كۈنىدە ئۇنى تاش ئېتىشتىن چەكلەپ قويىدىغان ئەھۋال بولسا، تاش ئېتىشقا قادىر بولغۇچە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۆگىلەرگە قارىغۇچى ساھابىلارغا (پادىچىلارغا) پائالىيەت جەريانىدا دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇش ئۈچۈن، تاش ئېتىشنى بىرەر كۈن كېچىكتۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان، ئەمما بىر بىرىڭلارنى ۋەكىل قىلىڭلار دېمىگەن.

شەيتانغان تاش ئېتىش ھەج پائالىيىتى ئىچىدىكى مۇھىم ئىبادەتلەردىن بولۇپ، ھەج قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنى شەيتانغا تاش ئېتىشقا ۋەكىل قىلىشى يەڭگىل سانايدىغان ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّـه تەرجىمىسى: ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار. [سۈرە بەقەرە 196-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ھەج قىلغۇچىنىڭ چارچاشنى ياكى قىستاڭچىلىقنى باھانە قىلىپلا تاش ئېتىشقا باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىشى توغرا ئەمەس. ئەگەر ھامىلدارلىق ياكى ياشانغانلىق سەۋەپلىك داۋاملىشىۋاتقان چارچاش بولسا، مانا بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ شەيتانغا تاش ئېتىشتا باشقىلارنى ۋەكىل قىلسا بولىدۇ. ئەمما يەڭگىل كېسەلگە گېرىپتار بولغان (يەنى ئازراق چارچاش ياكى باش ئاغرىش، زۇكام) ۋە ھەج پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنىگىچە ساقىيىشى ئۈمىد قلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تاش ئېتىشقا باشقىلارنى ۋەكىل قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 23-توم 115-بەت

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android