1,028

تاۋاپ جەريانىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت ئولتۇرۇش توغرىسىدا

سوئال: 109356

   بىر كىشى تاۋاپ جەريانىدا،كەبىنى ئىككى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن بەك قىستاڭچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى سائەت ئارام ئېلىش ئۈچۈن تاۋاپ مەيدانىدىن چېقىپ كەتتى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاۋاپنى يېڭىدىن باشلامدۇ ياكى قالغان جايدىن داۋاملاشتۇرامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ئارىدىكى ئارام ئىلىش ۋاقتى بىرئىككى سائەت ئۇزۇراپ كەتسە كىشىگە تاۋاپنى يېڭىدىن باشلاش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئارىدىكى ۋاقىت قىسقا بولسا تاۋاپنى قالغان جايدىن داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، ئۇنداق بولىشى، تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىشتا ئۈزۈپ قويماستىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئادا قىلىش شەرت قىلىنىدۇ، تاۋاپ ياكى ئىككى سەئيىنىڭ ئارىسىغا ئۇزۇن پاسىل چۈشۈپ قالسا، بېرىنچىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ تاۋاپنى يېڭىدىن باشلىشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما ئىككى تاۋاپ ئارىسىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن بەش-ئون مىنۇت ئولتۇرۇپ ئاندىن تاۋاپنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھېچ نەرسە بولمايدۇ" ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 293-بەت].

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android