3,398

بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بەزى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلماسلىق توغرىسىدا

سوئال: 11528

بەزى كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلغاندا قەلبىنى دىنغا مايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلاردىن سادىر بولغان بەزى يامان كۆرۈلگەن ئىشلارنى ئىنكار قىلمىسىمۇ توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بۇ مەسىلىدەپەقەت يامان كۆرۈلگەن ئىشلارغىلا ئەمەسبەلكى چوڭ گۇناھلار بولسىمۇ مەزكۇر كىشى دىننىچۈشۈنۈپ بولغىچە سەبىر قىلىش كېرەكبولىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان تۈرلۈكگۇناھ-مەسىيەت قىلىدىغان بولسا، ئۇ كىشىگەتەربىيە قىلىشتا ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىمبولغاندىن باشلايمىز: مىسالغا ئالساق: بىر ئادەم نامازئوقۇمايدىكەن، ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىدىكەن، ھاراقئىچىدىكەن ۋە باشقا چەكلەنگەن ئىشلارنىقىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە نەسىھەت قىلغاندا ئالدىبىلەن نامازدىن باشلايمىز، نامازنىڭ ھۆكمى، پەزىلىتى،ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنى شۇنداقلا نامازنى تەركقىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى قاتارلىق نامازغا ئالاقىدار بولغانمۇھىم مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرىمىز.ئەگەر ئۇ كىشى نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ نامازنىئادا قىلىشقا باشلىسا ئاندىن يەنە بىر مۇنكەردىن قولئۈزۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. ئەگەرنەسىھەت قىلغۇچى ئۇ كىشىدە بار بولغانھەممە خاتالىق، سەھۋەنلىكلەرنى بىراقلا بايانقىلىپ تۈزۈتۈش بېرىش ئۇنىڭغا سەلبىي تەسىربەرمەيدۇ دەپ قارىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھتىنئۇنىڭغا ھىدايەت ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭبارلىق خاتالىقلىرىنى تولۇق بايان قىلىپتۈزۈتۈش بەرسە بولىدۇ. بۇ توغرىدائاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:فَاتَّقُوااللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْتەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭيېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.[سۈرە تەغابۇن16-ئايەت].

ئەينى زامانداپەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ كىشىلەرنىدىنغا دەۋەت قىلغاندا ئالدى بىلەن ئۇلارنىپەقەت بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنىشېرىك كەلتۈرمەسلىككە دەۋەتقىلغان، شۇنداقلا شېرىكتىن تۆۋەن بولغانگۇناھلارنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتكەن.

مەرجەلەر

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 9-توم 418-بەت

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android