3,248

ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ

سوئال: 118101

شىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا كۆرە، سىلەرنىڭ ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پرىنسىپىغا بولغان كۆز قارىشىڭلار قانداق؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەقىدىدە ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك، ئەھلى سۈننە بىلەن شىئەلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمايدۇ. ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ ئەقىدىسى بولسا: ئاللاھنىڭۋەھدانىيىتىنى بارلىق ئەمەللەردەنامايەندە قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىبادەتنىئىخلاس بىلەن يەككە-يېگانە ئاللاھقا قىلىشۋە ئۇنىڭ گۈزەلئىسىم-سۈپەتلىرىدە ھېچ ئوخشىشى يوق دەپئېتىقاد قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار دۇئادا: كىم بولۇشتىنقەتئىي نەزەر (مەيلى ئۇ ئاللاھقا يېقىن پەرىشتە ياكى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەربولسۇن)، ھېچقاچانئاللاھنىڭ غەيرىدىن ھاجەتلىرىنى سورىمايدۇ ۋەئاللاھ تائالا بارلىق غەيبى ئىشلارنى بىلىدۇ دەپ ئېتىقادقىلىدۇ.

ساھابەكىراملارنى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) سۆيۈش، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنىقوغداش، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن رازىلىق تىلەش، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئەۋزەلراقى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئوسمانرەزىيەللاھۇئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشبولسا ئەھلى سۈننە جامائىتى ئەقىدىسىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

شىئەلەرنىڭ ئەقىدىسى بولسا: يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇ ئىككى ئەقىدىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خۇددى يەھۇدىبىلەن خرىستىئانلارنى،بۇتپەرەسلەربىلەن ئەھلى سۈننەجامائىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمىغىنىدەك بىر ئىشتۇر. يۇقىرىدا بايانقىلغىنىمىزدەك، ئەقىدىدىكى ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك، شىئەلەر بىلەن ئەھلى سۈننە جامائىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمايدۇ ".

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android