2,278

چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدىغان ماتېرىياللارنى كۆرۈشنىڭ مۇتلەق توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 12301

   چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدىغان ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئىسلامدا چەكلەنگەن، بەزى ۋاقىتتا ئەر بۇ ماتېرىياللارنى ئايالى بىلەن بىرگە كۆرسە بۇنىڭغا قانداق گۇناھ يېزىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدىغان ماتېرىياللارنى توي قىلغانلار كۆرسۇن ياكى بويتاقلار كۆرسۇن بۇ، ئوخشاشلا  ئىسلامدا چەكلەنگەن، بۇنداق قىلغان كىشى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك.  ئىنسان بۇنداق ماتېرىياللارنى قانداقمۇ ئايالى بىلەن بىرگە كۆرىدۇ؟، ئايالىنىڭ بۇنى كۆرۈشىگە قانداقمۇ رۇخسەت قىلسۇن؟!. بۇ جەھەتتە ئاياللار ئاجىز، تىز تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بەلكى بۇنداق ناچار نەرسىلەرنى كۆرۈش، ئەر-ئايال ئارىسىدا بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر ھەتتا ئاجرىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسۇن، ھەقىقەتەن ئەرنىڭ بۇنىڭغا رازى بولىشى، ئۇنىڭدىكى ئەركەكلىك ۋە كۈنلۈكنىڭ ئاجىزلىقىدىندۇر. بۇ سۈپەت بىلەن مۇسۇلمان ئۆزىدىن باشقا كاپىرلار ۋە ئۆز ئائىلىسىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ يات ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈشىگە پەرۋا قىلمايدىغان دەيۈزلەردىن پەرقلىنىدۇ، ئاندىن بۇنداق ناچار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، رەزىللىككە چاقىرىدىغان پاھىشە ئىشلارنى ئېتىبارغا ئالمايدىغان بولىدۇ، ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

     مۇشۇنداق ئىشلارغا چۈشۈپ قالغان كىشى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراشتىن ھەزەر قىلسۇن، تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىسۇن، ئۆز ئەھلىنىڭ ئىپپەتلىك بولىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولسۇن، ناچار ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرىدىغان سەۋەپلەردىن يىراق بولسۇن. 

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android