0 / 0

بامدات نامىزىغا ئەزان ئوقۇلىۋاتقاندا ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا

سوئال: 124290

رامىزاندا بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىشتىن بۇرۇن ئايالىم بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدۈم، ئايالىم بىلەن بىرگە بولاۋاتقاندا بامدات نامىزىغا ئەزان ئوقۇلدى، مۇئەززىن ئەزاننى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن بىزمۇ ئىشىمىزنى توختاتتۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، گۇمانىمدا مۇئەززىن ئەزاننى ئوقۇپ بولغۇچە، ئايالىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرىمەن دەپ ئويلىغان؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: مۇئەززىنبامداتنىڭ ۋاقتى كېرىش بىلەن ئەزان ئوقۇغانبولسا، بامداتنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن باشلاپ كۈنئولتۇرغانغا قەدەر ئىپتار قىلىدىغان بارلىقنەرسىلەردىن قول ئۈزۈش لازىم. مۇئەززىنئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئەزاننى باشلاش بىلەنتەڭلا يېمەك-ئىچمەك، جىنسىمۇناسىۋەت ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغانئىشلاردىن توختاش كېرەك.

ئىمام نەۋەۋىيرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “تاڭ يورۇغاندا يەنى بامداتنىڭۋاقتى كىرگەندە ئەگەر ئاغزىدا يىمەكلىك بولسادەرھال چىقىرىۋېتىش كېرەك، بۇ روزىنىڭتوغرا بولغانلىقىدۇر. ئەمما يۇتۇۋەتسەئىپتار قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭ روزىسىبۇزۇلىدۇ. بىر كىشى ئايالى بىلەن بىرگەبولۇۋاتقاندا تاڭ يورۇپ قالغان بولسا يەنى بامداتقائەزان ئوقۇلغان بولسا، دەرھال قوپۇپ كەتسە،تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ. ئەمما تاڭنىڭيورىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئايالى بىلەن بىرگەبولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭتۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ، بۇ مەسىلىدەئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، بىزنىڭقارىشىمىزچە: ئۇ كىشىگە كاپارەت بېرىش لازىمكېلىدۇ”. [ئەلمەجمۇئ 6-توم 329-بەت].

يەنە مۇنداقدەيدۇ: «بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان تاڭ يورىغانۋاقىتتا ئاغزىدا يېمەك بولسا چىقىرىۋەتسەروزىسى توغرا بولىدۇ، ئەمما تاڭنىڭ يورىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپيۈتىۋەتسە روزىسىبۇزۇلىدۇ دېگەن مەسىلىدە ھېچئىختىلاپ يوق. بۇنىڭ دەلىلى: ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنىئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايانقىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن بىلالكېچىدە ئەزان ئوقۇيدۇ، ئىبنىئۇممۇ مەكتۇم ئەزانئوقۇغانغا قەدەر يەپ ئىچىڭلار. [بۇخارىيۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. (ئەلمەجمۇئ 6-توم 333-بەت).

ئۇ كىشىگە بېرىدىغانجاۋابىمىز: ئەگەر سىلەرنىڭ مەھەللىدىكىمۇئەززىن تاڭ يورىغاندا ئەزانئوقۇيدىغان بولسا، سىز دەسلەپكى ئاللاھۇئەكبەر دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەنئايالىڭىزدىن ئايرىلىپ دەرھال تۇرۇپ كېتىشىڭىزكېرەك. ئەمما سىز مەھەللىدىكىمۇئەززىننىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنئەزان ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلسىڭىز ياكى مۇئەززىنتاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئەزان ئوقىدىمۇ ياكى تاڭ يورۇغاندىن كېيىنئوقىدىمۇ بۇنى بىلەلمەي شەكلىنىپ قالغانبولسىڭىز، سىز ئۈچۈن بىر نەرسە كېرەكبولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا تولۇق تاڭ يورۇغانغاقەدەر يېمەك-ئىچمەك ۋە ئەر-ئايالئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتنى دۇرۇس قىلدى.بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ:فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّـهُ لَكُمْۚ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُالْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِتەرجىمىسى: ئەمدى ئۇلارغا(يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھسىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنىپەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكىتاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭيورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىنكەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار. [سۈرەبەقەرە 187-ئايەت].

سەئۇدىئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋاتەشۋىقات كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بامدات نامىزىغا ئەزانئوقۇلغاندا ياكى ئەزان ئوقۇلۇپ 15مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا سوھۇرلۇقنى تاماملاش ۋە سۇ ئىچىش توغرىسىدا سورالغاندا،ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “سوئالدا زىكىرقېلىنغان بويۇنچە، ئۇ كىشى بۇ ئىشنىڭتاڭ يورۇشتىن بۇرۇن بولغانلىقىنى بىلسە ئۇكىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ، ئەمما تاڭيورۇغاندىن كېيىن بولغانلىقىنى بىلسە، ئۇ كىشىگەشۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشكېرەك بولىدۇ.

ئەمما ئۇ كىشىسوھۇرلۇقنى تاماملاش ۋە سۇ ئىچىشنىڭتاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ياكى تاڭ يورۇغاندىنكېيىن بولغانلىقىنى بىلەلمىسە، ئۇ كىشى ئۈچۈنقازاسىنى قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى ئەسلىكېچىنىڭ ئاخىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىنمۇسۇلمان كىشى روزا تۇتىدىغان ۋاقتىدا ئېھتىياتچانبولۇپ، ئەزاننى ئاڭلىغان ھامان روزىنى سۇندۇرىدىغانبارلىق نەرسىلەردىن چەكلىنىشى لازىم، ئەممائەزاننىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنئوقۇلغانلىقىنى بىلسە يېمەكنى داۋاملاشتۇرسابولىدۇ”. [ئىسلام پەتىۋالىرى 2- توم240-بەت].

ئىككىنچى: ئەگەر بۇھۆكۈمنى بىلمەيدىغان كىشى، سوھۇرلۇقتىن توختاشئەزان ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ دەپئويلىغان بولسا، ئۇ كىشىگە كاپارەت لازىم بولمايدۇ،ئەمما ئېھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن شۇ كۈنلۈكروزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. دىنى ئىشلاردىن ئۆگۈنىش زۆرۈر بولغانھۆكۈملەرنى ئۆگەنمىگەنلىكىئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپتەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىدۇ.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە:سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىنتەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android