0 / 0

دىنى ئوقۇغۇچىدىن ئانىسى، دىنى ئىلىمدىنمۇ بەكرەك ئالى مەكتەپ دەرىسلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدۇ، ئۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋەپپەقلەشتۈرىدۇ؟.

سوئال: 125509

ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن، مەن شەرئى بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى، دىنى بىلىملارغا بەك ئەھمىيەت بېرىمەن، لېكىن ئانام ماڭا دائىم، پەننى مەكتەپ دەرسلىرىگە بەڭ ئەھمىيەت بەرگىن، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ۋاقتىدا ئادا قىلغىن دەيدۇ، مەن بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بىرلىكتە ئىلىپ بارالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرىبولسۇن.

بىرىنچى:ئىنساننىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلاردىن، شەرئىئىلىمنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىشئۈچۈن تىرىشىۋاتقانبەزى ياشلىرىمىز، ئائىلىدىكى تاپشۇرۇقلىرىنى تولۇقئادا قىلمايدۇ، مائارىپ تۈزۈمىدىكىمەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكلىرىگە سەلقارايدۇ، ھەقىقەتەن بۇ ئىشئائىلىسىدىكىلەرگە يامان تەسىر بېرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە، پەرزەنتلىرىنىئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، پايدىلىق بولغانلىنتىلارنى ئاڭلاش، دىنى كىتابلارنى ئوقۇشتىنچەكلەيدۇ،بۇنىڭسەۋەبى بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغاندەكئەۋلادلارنىڭ مەكتەپ دەرىسلىكىگەسەل قارىغانلىقىدىن بولغان، ئەگەر ئائىلىدىكىلەرپەرزەنتلىرىنىڭ ھەر ئىككى دەرىسلىكنىتەڭ-باراۋەر ئىلىپ بارغانلىقىنى، بىرىگە-بېرىلىپ يەنە بىرىگە سەل قارىمىغانلىقىنىكۆرگەن بولسا ئەلۋەتتە ئۇلارنىپايدىلىق لىنتىلارنى ئاڭلاش، دىنى كىتابلارنى دەرسلىك قىلىشۋە ئىلىم سورۇنلىرىغا قاتنىشىشتىنھەرگىزمۇ چەكلىمەيتتى.

شۇنىڭئۈچۈن ياشلار دىققەت قىلىشى كېرەك، شۇنىبىلىش كېرەككى، كۆپچىلىك ئائىلىدىكىلەرپەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپ دەرىسلىكلىرىگەسەل قارىغانلىقىدىنشىكايەتقىلىدۇ، بۇ ياشلارنىڭ بەزى ۋاقتىدا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكىگەسەۋەپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەنئائىلىدىكىلەر يەنە ئارتۇقچە جاپا تارتىپ، ئىقتىسادسەرپ قىلىدۇ.

يەنەنۇرغۇن ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭمەكتەپ دەرىسلىكلىرىگە، ئىمتاھانلىرىغا بەكئەھمىيەت بېرىدۇ،ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىسىپەرزەنتلىرىنىمەسچىتكە چىقىپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقارىغبەتلەندۈرمەستىن ئۇلارنى ناماز ۋەزىكىرلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇشنى ئۇنتۇپ قالغىلىتاس قالىدۇ، ئۇلار مەكتەپ-ئۇنىۋېرسىتىتنىۋە ئۇنىڭ تۈزۈملىرىنى بەك چوڭبىلىدۇ، ئەۋلادلىرىنىڭ بەخىتلىك ياكى بەختسىزبولىشىنى شۇنىڭغا ئالاقىدار قىلىدۇ، ئۇلار دىپلومغائېرىشكەنلەرنى يەپ-ئېچىپ، توي قىلىپراھەتتە ياشايدۇ، دىپلومغائېرىشەلمىگەنلەرنى بولسا بەخىتلىكياشىيالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمما بىز ئەمەلىۋاقىئەلىكتە بۇنىڭ ئەكسىنىكۆرۈۋاتىمىز، ئومۇمەن: بىز ئاللاھ تائالانىڭتائەت-ئىبادىتىدە مۇستەھكەم تۇرغان ياشلارۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭپەننى دەرس ۋە پروگىراممىلارغا كۆڭۈلبۆلۈشتە چەكتىن ئاشۇرۋەتمەستىن ياشلىرىمىزنىڭئىككى دەرسلىكىنىڭ ئارىسىنى ياخشىتەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئىلىپ بېرىشىنىتەۋسىيە قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىرىنىئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىپ زايەقىلىۋەتمەستىن، تەلەپ قىلىنىدىغان ئىككىدەرسلىك ئارىسىدا ۋاقىتنى تەڭشەپ دىنىۋە پەننى بىلىملەرنى تەڭ ئۆگىنىشىنىئارزۇ قىلىمىز.

ئىككىنچى:ئىلىمغا رىغبەتلەنگۈچى قېرىندىشىم! سىزپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭچاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىلىمتەلەپ قىلىش بىلەن سىزنى چەكلەنگەن ئىشقابۇيرۇمىغان ئاپىڭىزغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئارىسىنىبىرلەشتۈرۈڭ، ئاللاھ بۇ ئىش ئارقىلىق سىزگەمەنپەئەت بەرسۇن، سىزگەتۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلىمىز:

1-سالىھكىشىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ناچار كىشىلەردىن يىراقبولۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز. ياخشى ھەمراھلارغاھەمراھ بولۇش سىزنى ۋە سىزنىڭۋاختىڭىزنى قوغدايدۇ، سىزگە ئادا قىلىش زۆرۈربولغان ئىشلارنى ئەسلىتىدۇ، ھەتتا سىز دىنى ئىلىمئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەنھەمكارلىشىۋاتقان بولسىڭىزمۇ،ئۇلار سىزدىن ئۇنىۋىرسىتېتى دەرىسلىكىئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت چېقىرىشىڭىزغانەسىھەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىنئۆزىگىزگە ياخشى ياردەمچىدىن بىرنى تاپىسىز، ناچار ھەمراھلاردىنيىراق بولۇسىز، چۈنكىئۇلار سىزنى ياخشىلىققا يېتەكلىمەيدۇۋە ھىدايەت يولىغا باشلىمايدۇ.

2-ۋاقتىڭىزنىڭمىنۇت-سىكىنۇتلىرىنى چىڭ تۇتۇڭ، ھەرگىزبىكار ئۆتكۈزىۋەتمەڭ، ۋاقىتقا ياخشىئەھمىيەت بەرگەندە، ھەر كۈنىدەسىزنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشىڭىز، ئىلىمتەلەپ قىلىشىڭىز ۋە ئۇنىۋىرسېتىتىدەرسلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشىڭىزئۈچۈن ۋاقىت چېقىدۇ.

ئىبنىقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىنساننىڭۋاقتى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭھاياتىدۇر، ۋاقىت ئۇ كىشىنىڭ دائىمنېمەتلىنىدىغان ئەبەدىيلىك ھاياتنىڭ ماددىسىشۇنداقلا دەرتلىك ئازابتا، قېيىن ھاياتتا ياشاشنىڭماددىسى، ۋاقىت دېگەن ئۆتكۈنچىبۇلۇتتىنمۇ تىز ئۆتىدۇ، ئىنسان ئۆزۋاقتىنى ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھ بىلەنئۆتكۈزىدىكەن بۇ ئۇنىڭ ھاياتى ۋەئۆمرى، ئۇنىڭ غەيرى بولسا، ھاياتىدا ئېتىبارغائېلىنمايدۇ، ئەگەر ياشىسا، چارىپايلار ياشىغاندەكياشايدۇ، ئەگەر ۋاقتىنى غاپىللىقتا،نەپسى-شەھۋەتتە، ئەمەلگەئاشمايدىغان باتىل ئارزۇلاردا ئۆتكۈزسە، بۇئۇيقۇ ۋە بىكارچىلىقتىنئۆتكۈزگەندىنياخشىبولسىمۇ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھايات ياشىغىنىدىنئۆلگىنى ياخشى بولىدۇ.” [“جاۋابۇل كاپىي”109-بەت].

ھەسەنبەسەرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ: “مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىكۆردۈم ئۇلار ۋاقتىغائالتۇن-كۈمۈشكە بېخىللىق قىلغاندىنمۇبەكرەكبېخىللىققىلاتتى”. (يەنى ئۇلار ۋاقتىنى بىكار ئىشقا سەرپقىلمايتتى).

3-ۋاقىتنىتەرتىپلەپ، ھەر بىر سائەتنىئىنتىزاملاشتۇرۇش، ھەر نەرسىگە ئۆزىنىڭھەققىنى بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇخلاشۋاقتىنى بىكىتىشىڭىز، بىلىم ئۈگۈنۈشكە مەلۇمۋاقىت بىكىتىشىڭىز، ئۇنىۋىرسىتېتى دەرىسلىكىنىمۇزاكىرە قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىتبىكىتىشىڭىز، ھەر بىرىگەئاشۇرۇۋەتمەستىن ياكىكېمەيتىۋەتمەستىنۋاقىت بىكىتىشىڭىز كېرەك.

ئۆمەرئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇئۆزىنىڭ ئەنسارى ھەمراھى بىلەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپبىلىم ئېلىش ئۈچۈن نۆۋەتلىشەتتى،ئۇلار رىزىق تەلەپ قىلىشنى ئىلىم تەلەپ قىلىشقا زىتقىلمايتتى، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەستىنۋە سەل قارىماستىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئارىسىنىبىرلەشتۈردى.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دەيدۇ: «مەنۋە مېنىڭئەمىيەتە ئىبنى زەيد ئەۋلادلىرىدىنبولغان ئەنسارى خوشنام بولۇپ، بىز مەدىنىنىڭ ئاۋالىدېگەن يېرىدەتۇراتتۇق، بىزپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغانۆۋەتلىشىپ بېرىپ كېلەتتۇق، بىركۈنى خوشنام باراتتى، يەنە بىر كۈنى مەن باراتتىم،خوشنام بارغان كۈنىدە شۇ كۈندىكى ۋەھىينىڭخەۋەرلىرىنى ئىلىپ كېلەتتى، مەن بارغانۋاقتىمدا مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم».[بۇئەسەرنى ئىمام بۇخارى 89-نومۇرلۇقھەدىستە رىۋايەت قىلىپ، ئىلىم ئىلىشتانۆۋەتلىشىشنىڭ بابى دەپكەلتۈرگەن. مۇسلىم رىۋايىتى 1479-ھەدىس].

4-شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇنىۋىرسىتېتتادەرس ئوقۇش يوللىرى قىسقا مۇددەتلىك، ئىلىمتەلەپ قىلىش يوللىرى بولسا چەكسىز بولۇپ ئۇ كىشىۋاپات بولغۇچە داۋام قىلىدۇ، تىز ۋاقىتئىچىدە ياخشىلىق يوللىرىغا توسانجا بولىدىغان قىسقا يولىنىئۈزۈپ تاشلاپ، توسالغۇسىز بەخت سائادەتكەئېلىپ بارىدىغان ئۇزۇن يولغا ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلىشكېرەك.

5-ئاللاھنىڭدىنىدىن ئۈگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىۋاقىئەلىككە تەتبىقلىسىڭىز، قىلغانئىشلىرىڭىزدا ئىلىمنىڭ تەسىرى ئاشكارا بولىدۇ، سىزدىنكۈتىدىغىنىمىز، ئاپىڭىزغا زىيادە ياخشىلىق قىلىڭشۇنداق قىلغاندا، سىزقەلبى، بەدىنىپاك بولغان، ئاتا-ئانىسىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان، ئەقىللىق،جۇشقۇن ئوغۇل بولىسىز، سىزنىڭئۈگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىۋاقىئەلىككە تەتبىقلاشنىڭ جۈملىسىدىن:ئائىلىڭىزگە، جەمئىيەتكە ۋەئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە: ئىسلام دىنىنىڭگۈزەل ئەخلاققا دەۋەت قىلىدىغانلىقى، دىنىبىلىم بىلەن پەننى بىلىملەرنىڭ ئارىسىدا زىتلىق يوقئىكەنلىكىنى، دىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭئەدەپ-ئەخلاق ۋە بارلىق تەسەررۇپاتلىرىداباشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشتىنئىبارەتتۇر.

بىزيۇقىرىدا بايان قىلغانۋە نەسىھەت قىلغان ئىشلارنىڭھەممىسىدە ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراڭ.ئاللاھ تائالادىن سىزنى دائىم توغرا يولغامۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android