3,327

دىنى ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ بىلگىنىگە ئەمەل قىلىشى ۋە نەپلە ئەمەللەرنى ئادا قىلىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر

سوئال: 125981

ھازىرقى ۋاقىتتا كۆپلىگەن دىنى ئوقۇغۇچىلار كېچىلىك ناماز (تەھەججۇد نامىزى قاتارلىق) پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر ساۋابنى بىلىدۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىلگىنىگە ئەمەل قىلمايدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

قۇرئان ۋەسۈننەتتە پەزىلىتى بايان قىلىنغانئەمەللەر ئىككى تۈرلۈك بولۇپ:

بىرىنچى: پەرزقىلىنغان ئەمەللەر. كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇئەمەللەرنى ئادا قىلىشتا ئاللاھدىن قورقۇشىزۆرۈربولغان، بەشۋاقىت ناماز، زاكات، رامىزان روزىسىغا ئوخشاش پەرزئىبادەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

ئىككىنچى:مۇستەھەپ يەنى ئادا قىلىنىشى ياخشىكۆرۈلگەن ئەمەللەر. ئۇلارتەھەججۇد نامىزى، چاشكا نامىزى قاتارلىقلارغا ئوخشاش،مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ دىنى ساھەدىكىئىلىملىك كىشىلەرنىڭ بۇئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىشقا ئەھمىيەتبېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى دىنى ئالىملارئىجتىمائىي جەمئىيەتتەكىشىلەرگە ئۈلگە ۋە يول باشلىغىچىدۇر.بۇ ئەمەللەرنى دائىم ئادا قىلىپ بەزى ۋاقىتتائادا قىلالمىسا بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، چۈنكى بۇلارنەپلە ئەمەللەردىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما پەرز نامازلاربىلەن بىرگە ئادا قىلىنىدىغان سۈننەت نامىزىۋە تەھەججۇد نامىزى، چاشكا نامىزى ۋەئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملىقئادا قىلىش ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشدىنى ئالىملارنىڭ ئالاھىدە سۈپىتى ھېسابلىنىدۇ.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android