4,425

پىۋا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: 127020

پىۋا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىش توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پىۋىنىڭتەركىبىدە مەست قىلغۇچى ماددىلار بولمىسا بۇنىئىچكىلى بولىدۇ، ئەمما مەست قىلغۇچى ماددىلار بولۇپقالسا بۇنى ئىچىش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك تەركىبىدەمەست قىلغۇچى ماددا بار بولغان بارلىق يېمەكلىكۋە ئېچىملىكلەردىن ھەزەر قىلىش لازىم.تەركىبىدە چەكلەنگەن نەرسىلەرمەۋجۇت بولغان نەرسىلەرنى يېيىش-ئېچىشدۇرۇس ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُوَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُلَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ . إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَن يُوقِعَ بَيْنَكُمُالْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنذِكْرِ اللَّـهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ، فَهَلْأَنتُم مُّنتَهُونَ﴾ تەرجىمىسى: ئىمۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنىچوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غاچوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىششەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكەئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراقبولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردادۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى،سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچىبولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟.[مائىدە سۈرىسى 90-91-ئايەت].

بۇ ھەقتەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: ھەر قانداق مەستقىلغۇچى ماددا ھاراقتۇر، ھەر قانداق مەست قىلغۇچىنەرسە ھارامدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاميەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ھاراققا، ئىچكۈچىگە،قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ماددىسىنى تەييارقىلغۇچى ۋە تەييار قىلدۇرغۇچى،يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ۋەيەتكۈزۈپ بېرىلگۈچىگە، ساتقۇچى ،سېتىۋالغۇچى ۋەئۇنىڭ پۇلىنى خەجلىگۈچىگە لەنەتقىلدى. [ئىبنى داۋۇد ۋە ئىبنى ماجەرىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: ھەرقانداق مەستقىلغۇچى ئىچىملىك ھارامدۇر.

يەنەبىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەرقانداق مەست قىلغۇچى ۋەئەقىلنى يوق قىلغۇچى نەرسىلەردىن چەكلىگەن.

بارلىقمۇسۇلمانلارھەرقانداقمەست قىلغۇچى ماددىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ھەزەر قىلىشىكېرەك. ئەگەر بۇنداق ئىشنى قىلىپ سالغانلار بولسا،دەرھال ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈپ، قىلمىشىغائۆكۈنۈپئاللاھتائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتسۇن.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدەمۇنداق دەيدۇ: وَتُوبُوا إِلَى اللَّـهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَلَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر نىجاتلىققائېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقاتەۋبە قىلىڭلار. [سۈرە نۇر31-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

ئاللاھتائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّـهِ تَوْبَةًنَّصُوحًا تەرجىمىسى: ئىمۆمىنلەر ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبەقىلىڭلار [تەھرىم سۈرىسى 8-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android