708

ئۆزىنىڭ قازا روزىسىنى تۇتماي تۇرۇپ، مېيىتنىڭ زىممىسىدىكى قازا روزىنى تۇتسا بولامدۇ؟

سوئال: 134087

   ئايالىم ھىجىرىيە بويىچە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ۋاپات بولدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن، ئۆتكەن رامىزاندا ئايالىم ئادەت سەۋەبىدىن يەتتە كۈن روزا تۇتالمىغان ئىدى، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن روزا تۇتۇپ قويسام بولامدۇ؟ بىلىشىمچە مېنىڭمۇ تۇتالمىغان بىر ئايلىق قازا روزام بار ئىدى، ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ قازا روزامنى تۇتۇپ ئاندىن ئايالىمنىڭ قازا روزىسىنى تۇتىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئىش سىز سوئالدا زىكىر قىلغاندەك بولسا، سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ زېممىڭىزدىكى قازا روزىنى تۇتۇشىڭىز كېرەك بولىدۇ، ئاندىن كېيىن ئايالىڭىزنىڭ زىممىسىدىكى روزىنى تۇتۇشنى باشلايسىز. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قازا روزىسىنى ئادا قىلالماي ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ روزىسىنى ۋەلىيسى ئادا قىلسۇن». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    ۋەلىي دېگەن مېيىتنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدۇر، سىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.

   ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى].

   پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز. شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئال شەيخ. شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد.

    مەنبە: دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى، ئىككىنچى بۆلۈم 9-توم 261-بەت.

مەرجەلەر

مەنبە

دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى، ئىككىنچى بۆلۈم 9-توم 261-بەت.

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android