2,701

جىنازە نامىزى ئوقۇش پەرز كۇپايىدۇر

سوئال: 14040

جىنازە نامىزى ئوقۇش ئەرلەرگىلا خاسمۇ ياكى بارلىق ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارغا ئومۇمى پەرز بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جىنازە نامىزى ئوقۇش پەرز كۇپايە بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئوقۇسا قالغانلىرىدىن ساقىت بولىدۇ، ئەگەر ھېچ كىشى ئوقۇمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەممە مۇسۇلمانلار گۇناھكار بولىدۇ، بۇ ئەرلەرگىلا خاس ئەمەس بەلكى ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جىنازە نامىزى ئوقۇشى يولغا قويۇلغان، ئەرلەر ئۈچۈن بىۋاستە ناماز ئوقۇش ۋە جىنازىغا ئەگىشىش يولغا قويۇلغان، ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشى چەكلەنگەن، بۇ توغرىدا ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز ئاياللار جىنازىغا ئەگىشىشتىن چەكلەنگەن لېكىن كەسكىن قىلىنمىغان... [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى».

    يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى جىنازىغا ئەگىشىشتىن چەكلىگەن دېيىلگەن. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى ].    

   بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېگە بولۇش ئۈچۈن شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "تۈرلۈك ماقالە ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى 10-توم 50-بەتكا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android