3,599

باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئۆز بالام دەپ ئويلاپ ئېمىتىپ قويسا بۇنىڭ بىلەن ئىمىلداشلىق بىكىتىلەمدۇ؟

سوئال: 141208

ھاممام (ياكى ئۆگەي ئانام) بىرقانچە يىل ئىلگىرى خوشنىمىزنىڭ بالىسىنى ئىككىلى تەرەپتىن تويغۇدەك ئېمىتىپ قويغان، ئۇ بالا تويۇپ كەچتىن تاڭ يورۇغىچە ئۇخلىدى (يەنى تولۇق تويغان). مېنىڭ سوئالىم: ھاممام ئۇ بالىنى ئىمىتكەندە، ئۆز بالام دەپ ئويلاپ ئېمىتكەن، چۈنكى ئىككىلىسى تۆت ئايلىق بولغان بوۋاقلاردىن ئېدى، ھاممام خاتا ئېمىتكەن، گۇۋاھچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ بوۋاق ئون قېتىمدەك تويغۇدەك ئەمگەن، بۇ خاتالىق ھېسابلىنامدۇ؟ مەسىلىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، چۈنكى ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۈزۈلمەس دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار ئېدى.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئايال كىشى ئىككى ياشقا توشمىغانبوۋاقنى بەش قېتىم تويغۇدەك ئىمىتىدىكەن،بۇنىڭ بىلەن ئىمىلداشلىق بىكىتىلىنىدۇ،ئېمىتكۈچى ئايال مەزكۇر بوۋاقنىڭ ئانىسىھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى بولسا ئۇبوۋاقنىڭ ئىمىلداشلىق تەرەپتىن دادىسىھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەر-ئاياللاردىن تۇغۇلغانبالىلار ياكى ئۇلار بىلەن ئىمىلداشلىق تەرەپتىنتۇغقان بولغان بالىلار بۇ بوۋاقنىڭ ئېمىلداشقېرىنداشلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىمىلداشلىقنى ئىسپاتلاشتا ئايالدىن ياكىبوۋاقتىن ئىمىلداشلىقنى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىش شەرتقىلىنمايدۇ ياكى بوۋاقنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسىئىكەنلىكىنى بىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ. ئىسلام ئالىملىرى ئىمىلداشلىقھۆكمىنى بايان قىلغاندا، مۇشۇ ھۆكۈمىدىنئىلىنىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايان قىلدى.ئەگەر ئېمىدىغان كىچىك بوۋاقتىن بىرسى ئۇخلاپياتقان چوڭ ئايالنىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ كېلىپ،ئۇ ئايالنى ئىمىۋالغان بولسا بۇ ئايال ئۇ بالىنىڭئېمىلداش ئانىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدائىمىلدەشلىك ھۆكمى بىكىتىلىنىدۇ. [ئەلمۇغنى 11-توم 333-بەتۋە تۆھپەتۇل مۇھتاج 3-توم 492-بەت].

مۇشۇ قائىدىگەئاساسەن، ھاممىڭىز ياكى ئۆگەي ئانىڭىز ئۇبوۋاقنىڭ ئېمىتكەن ئانىسى ھېسابلىنىدۇ،دادىڭىز ئۇ بوۋاقنىڭ ئىمىلداشلىق تەرەپتىندادىسى ھېسابلىنىدۇ، سىز ۋە كىچىك ئۇكىڭىزبولسا ئۇ بوۋاقنىڭ ئېمىلداش قېرىنداشلىرىھېسابلىنىسىلەر.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتائالادۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android