3,920

ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىغا قۇربانلىق سېتىۋالسا دۇرۇس بولامدۇ؟

سوئال: 144986

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئايلىق كىرىمى چەكلىك بولغان كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىشى ئۈچۈن كارت تارقىتىپ بېرىدۇ، مەزكۇر كارتىنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئۇلاغ سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئالدى بىلەن سوئالدا بايانقىلىنغان نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان كارتقائالاقىدار بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم پروگراممىسى توغرىسىداتۆۋەندە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمىز:

1-يېمەك-ئىچمەك كارتى.بۇ ئىشنى ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن باشلاپيولغا قويغان.

2- بۇ لاھىيە:"يېمەكلىكنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىشپىروگراممىسى"دېگەن ئىسىم بىلەن روي خەتكەئالدۇرۇلغان.

3-ئامېرىكىدا بۇ پروگراممىغامەسئۇل بولغان ئورۇن: "زىرائەت مىنىستىرلىكى".

4- ھازىرقى ۋاقىتتا بۇرەسمى كارت شەكلىگە كەلگەن بولۇپ، ھەرئايدا 100$ دوللار ئەتراپىدا پۇل قاچىلىنىدۇ.

5-بۇ پروگرامما كۈندىلىكتۇرمۇشتا يېمەك- ئىچمەكتىن قىينالغان ياكى ئايلىقكىرىمى يېتىشمەيدىغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.

6-ئامېرىكىدا بۇ پروگراممىدىن پايدىلىنىدىغانكىشىلەرنىڭ ئومۇمى سانى 36 مىليونغا يېتىدۇ.

ئىككىنچى:مۇسۇلماننىڭ بۇ تۈردىكى كارتىلار بىلەنقۇربانلىق ئۇلاغ سېتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ،چۈنكى بۇ كەمبەغەللەرگەبېرىلىدىغان كارت بولۇپ،كەمبەغەللەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى يولغاقويۇلمىغان.

تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولغانكىشىلەرنىڭ بۇ پروگراممىغا ئەزا بولىشى توغرابولمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا ئۆزى ئۈچۈنھالال بولمىغان مالنى ئالغان بولىدۇ. بۇ ھەقتەتەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن6357-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەتقىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android