بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرىبولسۇن.
قېرىندىشىم!سىزگە بىزنىڭ نەسىھىتىمىز:
بىرىنچى: بۇ ئىشقا بەك بىئارامبولۇپ كەتمەڭ، ئىش سىز ئويلىغاندەكئەمەس، سىزدە كىشىلەر ئەجەبلىنىدىغان ياكىھەيران قالىدىغان ياكى كۈلكىگە سەۋەپبولىدىغان ھېچ بىر ئەيىب-نۇقسان يوق، بىر سىزنىڭرەسىمىڭىزنى كۆردۇق، سىزنى كۆرگەنھەرقانداق كىشى شۇنداق قارايدۇ. بىز سىزنىڭ قانداقبولۇپ بۇ تۇيغۇغا كېلىپ قالغانلىقىڭىزدىنھەيران قالدۇق. بۇ سەۋەبلىكنەچچە يىل دەرت تارتىپسىز، سىزنىڭچىراي-شەكلىڭىز ۋەيۈرۈش-تۇرۇشىڭىزغا كۆڭۈلبۆلىدىغان ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىزنىڭ سىزگەبەرگەن گۇۋاھلىقى كۇپايە قىلىدۇ.ئەگەر سىزدە بىرەر ئەيىب-نۇقسان بولغان بولسائىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار سىزنىڭ ئۇ ئىشنىتۈزىتىشىڭىز ۋە ئىسلاھ قىلىشىڭىزنىتەۋسىيە قىلاتتى.
سىزنىڭ ھېس قىلغىنىڭىزبەلكىم كۆز تېگىش ياكى ھەسەتنىڭ تەسىرىبولىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولمىغاندا داۋالاش كېرەكبولغان نەپسى كېسەللىك بولىشىمۇ مۇمكىن. بەزىكىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك،چىراي-شەكلى، ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بەزىۋەسۋەسىلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ.ئاللاھ ھەرقانداق بىر كېسەللىكنى چۈشۈرسەئۇنىڭ دورىسىنى بىرگە چۈشۈرىدۇ.
سىز ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىرقىلىڭ، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىنىداۋاملاشتۇرۇڭ،شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن دۇئالارۋە داۋالاشيوللىرىنىقوللىنىڭ، شۇنداقتىمۇ بۇ ئەھۋاللارداۋاملاشسا، تەجرىبىلىك، ئىشەنچىلىك پىسخولوگىيەدوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ، ياخشى دوستلاربىلەن بىرگە بولۇڭ، تەلىم-تەربىيەۋە دەۋەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىڭ،ۋاقتىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ياد قىلىش ۋەباشقا مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنى ئۈگىنىشكەسەرپ قىلىڭ.
ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتاقىلغان گۈزەل ئەخلاق، چىرايلىق قامەت،تەن-سەلامەتلىك، توغرا يول، ھىدايەت ۋەدىندىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىڭ.ئاللاھنىڭ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇققىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر سىز ئاللاھ تائالانىڭ سىزگەئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرىنى بەزىئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىغا سىلىشتۇرسىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ مىڭلارچە ئىنسانلاردىنئەۋزەل ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپيېتەلەيسىز. ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ئاتا قىلغانپەزلى-ئېھسانى، ھېسابسىز نېمەتلىرىئۈچۈن، شۈكۈر ۋە ھەمدۇ-سانائېيتىڭ.
ئىككىنچى:ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا نامازنى مەسچىتتە جامائەتبىلەن ئوقۇش ۋاجىپتۇر. نامازنى جامائەت بىلەنئوقۇشقا سەل قاراش توغرا بولمايدۇ. شەيتاننىڭ سىزنىبۇ دەرىجىدە ۋەسۋەسىگە سىلىپ،نامازنى تەرك قىلىدىغان ياكى سەل قارايدىغان ھالەتكەكەلتۈرۈشى ئاددى ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالادىنسىزگە توغرا يول، بەخت-سائادەت ئاتا قىلىشىنى،غەم-قايغۇلىرىڭىزنى يوق قىلىپ، قىيىنچىلىقىڭىزنى ئاسانقىلىشىنى سورايمىز.
ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىئاللاھ تائالادۇر.
تەرجىمەقىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:نىزامىددىن تەمكىنى