بارلىق گۈزەل ماختاشلارئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقاخاستۇر.
1-مۇسۇلمانكىشى قاچان ھەج قېلىشقا قادىر بولسا كېچىكتۈرمەستىندەرھال پەرزھەجنى ئادا قىلىشى زۆرۈر.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتەمۇنداق دېگەن: پەرز ھەجنى ئاداقىلىشقا ئالدىراڭلار. ھەقىقەتەن سىلەرنىڭبىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنىبىلمەيدۇ. ئىمام ئەھمەد (2721). بۇھەدىسنى شەيخئەلبانى ئىرۋائۇل غەلىلدە سەھىھ دەپقارىغان(990).
يەنە بىر ھەدىستەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەجقېلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئالدىرىسۇندېگەنبۇ ھەدىسنى ئەلبانىي سەھىھ ئەبۇداۋۇتتا كەلتۈرگەن(1524).
2- ئەگەرئايال كىشى يولدىشى پەرز ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈنسەپەر قىلسا، ئۆيدە قارىغۇچىسى يوقسەۋەبلىك ھەقىقى شەكىلدە زىيانغائۇچراپ قالىدىغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە يولدىشىنىڭپەرز ھەجنى يەنە بىر يىلغا كېچىكتۈرۈشىدۇرۇس بولىدۇ.ئائىلە-بالىلىرىدىن ئەنسىرەپقالغان كىشى ھەج قېلىشقا قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭجۈملىسىدىن ھېسابلانمايدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئانكىرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَإِلَيْهِ سَبِيلًا﴾ قادىر بولالىغانكىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەتقىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى.[ئال-ئىمران 97-ئايەت].
لېكىن ئايالىنىڭ يېنىدائۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى خىزمەتچى ئاياللاردىن بىرىنىتۇرغۇزۇپ قويۇشئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا، ئۇۋاقىتتا يولدىشى ھەجگە بېرىپ، ھەج پائالىيىتىنىئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن،مەككە شەھىرىدە كۆپتۇرماستىن دەرھال قايتىپ كەلسە بولىدۇ. ئەگەربۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، يەنى ئايالى يولدىشىنىڭئۆز يېنىدا تۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق بولسا،بۇنداق ھالەتتە ھەجنى كېچىكتۈرسەبولىدۇ، مانا بۇنىڭدەك ئەھۋاللاردامەزكۇر كىشى ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.
توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
تەكشۇرۇپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى