2,724

نىكاھلىنىپ ئەمما بىرگە بولمىغان ئايالى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق قىلامدۇ

سوئال: 191515

مەن نىكاھلاندىم ئەمما ئايالىم بىلەن بىرگە بولمىدىم، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئايالىم ئۈچۈنمۇ   قۇربانلىق قىلىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

قۇربانلىق بولسائىسلامنىڭ شوئارلىرىدىن بىرىدۇر. قۇربانلىق قىلىش قادىر بولغان كىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. مۇسۇلمان كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىقتىن بىرنى قىلسا كۇپايە بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 36432- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

36387- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن ئايالى، بالىلىرى قاتارلىق ھايات بار بولغان ياكى ۋاپات بولغان، يەنى قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان كىشى قۇربانلىق قىلسا، بۇ قۇربانلىق ئۆزى ۋەئائىلىسىدىكى ھايات ۋە ۋاپات بولغان ھەممە كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ سۈننەتتۇر." تۈگىدى. [نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرىدىن ئىلىندى].

قۇربانلىق قىلىنغان بىر ئۇلاغ، قۇربانلىق قىلغۇچى كىشىنىڭ ئۆزى، ئائىلىسىدىكى ھەممە كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ سانى قانچە كۆپ بولۇشىدىن قەتئى نەزەر دۇرۇس بولىدۇ. ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكى قۇربانلىقنى نىيەت قىلغان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم قۇربانلىق قىلىش كېرەك بولمايدۇ. نىكاھ قىلىنغان ئەمما بىر جايدا بولمىغان ئايالى بولسا قۇربانلىق قىلىنغۇچى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايال ئۈچۈن ئايرىم قۇربانلىق قىلىش كېرەك بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ قىزچاقنىڭ دادىسى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى نىيەت قىلىپ قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئۇ قىزچاقنىڭ قۇربانلىقىغىمۇ كۇپايە قىلىدۇ، ئۇ قىزچاق ھازىرمۇ دادىسىنىڭ ئۆيىدە ۋە ئۇنىڭ نەپىقىسى بىلەن تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، دادىسىنىڭ قۇربانلىقىمۇ ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالاغا مەدھىيەلەر بولسۇن، بۇ ئىشتا كەڭرىچىلىك بار.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android