3,444

ئېھرام كىيىپ بولغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا

سوئال: 20663

ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئېھرامغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن پائالىيەتنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، ئېھرامنى بىكار قىلىۋەتسە قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشتىنۋاز كېچىش ئەگەر ئېھرامنى كىيىپ ھەج ياكىئۆمرە ئىبادىتىگە كىرىشتىن ئىلگىرى (يەنى تەلبىيەئېيتمىغان بولسا)، شۇنداقلا، پەرز ھەجنى ئادا قىلىپبولغان بولسا، مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى خالىسا (قەلبىدە)نىيەت قىلىپ ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ خالىسائېھرامدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئەمما ئېھرامنى كىيىپبولغاندىن كىيىن ھەج ياكى ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ بولغانبولسا، بۇ كىشى ئۈچۈن نىيەتنى بىكارقىلىۋېتىپ، ئېھرامدىن چىقىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكىئۇ كىشىنىڭ شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچەنىيەت قىلغان ئىبادەتنى ئادا قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَأَتِمُّوا الْحَجَّوَالْعُمْرَةَ لِلَّـهِتەرجىمىسى: ھەج بىلەنئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار.[سۈرە بەقەرە 196-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].بۇنىڭدىن ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇكى، مۇسۇلمانكىشى ئېھرامغا كىرىپ ھەج ياكى ئۆمرىنى نىيەتقىلىدىكەن، نىيەتنى بۇزۇۋېتىشى توغرابولمايدۇ، بەلكى نىيەت قىلغان پائالىيەتنىشەرىئەت بەلگىلىگەن يول بويىچە تولۇق ئاداقىلىشى لازىم.

ئەگەردە ھەج ياكىئۆمرە قىلغۇچى شەرتلىك نىيەت قىلغان بولسا،نىيەتتىن كىيىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشتىنتوسۇلۇپ قالسا، مەزكۇر جايدا ئېھرامدىن چىقسابولىدۇ (يەنى نىيەتنى بۇزسا دۇرۇسبولىدۇ). چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن زۇبەيرنىڭ قىزى دىبائە سۇئالسوراپ: ئۆزىنىڭ ھەج قىلىش مەقسىتى بارلىقىنى ئەمماكېسەللىك سەۋەبىدىن سەپەرنىداۋاملاشتۇرالماسلىقتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنىدېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئۇنىڭغا: ئېھرامكىيگەندە شەرت بىلەن كىيىڭ(يەنى تەلبىيەئېيتقاندا) قەيەردە توسۇلۇپ قالسام، شۇيەر ئېھرامدىن چىقىدىغان ئورنۇم دەڭ،دېگەن. [بىرلىككەكەلگەن ھەدىس].

ئاللاھ توغرا ئىشقامۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغائاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مەرجەلەر

مەنبە

سەئۇدى ئەرەبىستان دىنى تەشۋىقات، ئىلمى تەتقىقات ۋە پەتىۋا كومىتېتى 11/ 166 پەتىۋاسى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android