0 / 0

رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئەر ئايالى بىلەن ئوينىشىش جەريانىدا ئايال ئېغىز ئىچىشنى مەقسەت قىلىپ، ئىخىتىيارلىقنى ئەرگە بەرگەن بولسا، مۇشۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

سوئال: 207360

رامزاندا بامدات نامىزىدىن كىيىن ئەر كىشى ئايالى بىلەن ئويناشتى، ئايالى: ئۇنداق قىلماڭ روزام بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ تەكرار دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەر قويىۋەتمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئايال ئېرىگە كەينىنى قىلىپ ئەرنى ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى، ۋە كۆڭلىدە: ئېغىز ئىچىۋىتەي خالىغىنىنى قىلسۇن، گۇناھى ئۆزىگە بولسۇن دەپ ئويلىدى. شۇنداق ئويلاپ تۇرۇشى ئېرى ھېچ ئىش قىلماستىن ئايالىنى قويۇۋەتتى، ئايال كۆڭلىدە بۇ سۆزنى قىلغاندا، پەقەت خاتالىقىنى ئېرىگە يۈكلەپ، گۇناھتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى، ئۇ ئايال ئىپتار قىلىش ئۈچۈن بىر نەرسە يېمىدى ۋە ئىچمىدى. كۆڭلىدە ئويلىغان سۆزنىڭ سەۋەبىدىن روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى ئۇ پەقەت كۆڭۈلدە ئويلىغان سۆز بولۇپ قالامدۇ؟ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىش سەۋەبىدىن ئويلىغىنىم، ئىپتار قىلغانلىق بولامدۇ ياكى پەقەت ئويلىغان سۆز بولامدۇ؟ بەزى ۋاقىتتا كۆڭۈلدە پەيدا بولغان ۋەسۋەسە روزىنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ بۇ ھەقتە ئوچۇق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى:ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا روزىدار تۇرۇپئىككىلەنمەستىن كەسكىنلىك بىلەن ئېغىز ئىچىشنىمەقسەت قىلىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ روزىسىبۇزۇلىدۇ، گەرچە كىيىن نىيىتىنىئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈنشۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەكبولىدۇ.

ئەمما روزىنى بۇزۇشنىيىتىدە ئىككىلىنىش بولغان بولسا ياكى ئىپتار قىلىشنى بىرەر ئىشقائالاقىدار قىلسا، خۇددى يېمەك-ئىچمەك تاپسام ئىپتارقىلىمەن دەپ، تاپالمىغان بولسا، توغرا قاراشتا ئۇ كىشىنىڭروزىسى بۇزۇلمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھدىن: “رامىزاندا روزا تۇتقانمۇساپىر كىشى ئىپتار قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ،ئىپتار قىلغىدەك بىر نەرسە تاپالماي، نىيىتىنى ئۆزگەرتىپروزىنى كۈن پاتقۇچە تولۇق داۋاملاشتۇرغانبولسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا،شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:”ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولمايدۇ، شۇكۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك، چۈنكىئۇ كىشى روزىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغاندا، روزىسىبۇزۇلغان، ئەگەر ئۇ كىشى، مەن يەيدىغانياكى ئىچىدىغان بىر نەرسە تاپسام ئېغىز ئاچىمەن،تاپالمىسام روزىنى داۋاملاشتۇرىمەن دەپ، بىرنەرسە تاپالماي روزىنى كۈن پاتقۇچەداۋاملاشتۇرغان بولسا، روزىسى توغرا بولاتتى، ئۇ كىشى بۇۋاقىتتا نىيىتىنى ئۈزۈۋەتمەستىن ئىپتار قىلىشنىبىر نەرسىنىڭ تىپىلىشىغا ئالاقىدارقىلىپ قويدى، ئالاقىدار قىلغان نەرسە تېپىلمىسا،ئۆزىنىڭ ئەسلى نىيىتى بويىچە قالىدۇ”تۈگىدى. [“ئەركىن سۆھبەت پروگراممىسى(29/20)].

سوئالدىن مەلۇم بولىشىچە،سىز ئىپتار قىلىشنى ئېرىڭىزنىڭ مەزكۇر ئىشنىقىلىشىغا ئالاقىدار قىلىپ قويۇپسىز، ئېرىڭىز ھېچ ئىشقىلماپتۇ. روزىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىش ئايرىم ئىش،ئىپتار قىلىشنى يۈز بەرمىگەن ئىشقا ئالاقىدار قىلىشيەنە ئايرىم ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىشنىڭھۆكمى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭئۈچۈن؛ سىزنىڭ روزىڭىز بۇزۇلماپتۇ،ئۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىزكېرەك ئەمەس. ئەمما سىز روزىڭىزنىبۇزۇشنى كەسكىن مەقسەت قىلغان ياكى كەسكىنبولمىسىمۇ ئاساسەن بۇزۇشنى مەقسەت قىلغانبولسىڭىز، ئاشۇ مەقسىتىڭىز بويىچە، سىزنىڭروزىڭىز بۇزۇلغان بولىدۇ، شۇ كۈنلۈكروزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەگەركۆڭلىڭىز قانائەت تاپماي، شۇ كۈنلۈكروزىنىڭ قازاسىنى قىلىۋەتسىڭىز ئۇمۇبولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن95766-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەتقىلىنسۇن.

لېكىن سىزنىڭنىيىتىڭىزگە ياكى قىلغان ئىبادىتىڭىزنىڭ توغرائىكەنلىكىگە ۋەسۋەسە پەيدابولۇپ قالغان بولسا، سىز شۇ كۈنلۈك روزىنىڭقازاسىنى قىلماڭ ۋە تۇتقان روزىڭىزنى توغرادەپ قاراڭ، ۋەسۋەسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپكەتمەڭ، چۈنكى ۋەسۋەسىنىڭزېيىنى كۆپ ۋە ئاقىۋىتى خەتەرلىكبولىدۇ. ۋەسۋەسە شۇ ئىنساننىڭقىلغان ئىبادىتى ھەتتا پۈتۈن دىنىنىبۇزمىغۇچە ئاخىرلاشمايدۇ. بىز بۇتوربەتتە كۆپ قېتىمۋەسۋەسىگە ئەگەشمەسلىكۋە بۇنىڭدىن ھەزەر قىلىش توغرىسىدا كۆپمەسىلىلەرگە جاۋاپ بەردۇق.

ئىككىنچى: ئەر كىشى ئۈچۈنروزىدار ۋاقتىدا، ئۆز نەپسىگە ئىگە بولالىسا(يەنى سپېرما چىقىپ كېتىشتىن ساقلىنالىسا)، ئاللاھنىڭبەلگىلىمىسىدە توختىسا، جىماغا چۈشۈپ قالمىسا، ئايالىبىلەن قۇچاقلىشىش ۋە سۆيۈشۈش قاتارلىقئىشلارنى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.بۇ ھەقتە 49614– نومۇرلۇق سوئالنىڭجاۋابىغا قارالسۇن.

ئۈچىنچى: ئايال كىشى ئۈچۈنئېرىنىڭ چەكلەنگەن قىلمىشىغا ياردەم قىلىشىياكى ئۇ ئىشقا رازى بولىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكىكۈچىنىڭ يېتىشچە ئېرىنى بۇنداق ئىشتىنچەكلىشى ۋە يىراق بولىشى زۆرۈر بولىدۇ.بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: سىلەردىن كىمكى مۇنكەر ئىشنىكۆرىدىكەن، ئۇنى قولى بىلەنئۆزگەرتسۇن، قولى بىلەن ئۆزگەرتىشكەقادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، تىلىبىلەن ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسا قەلبىبىلەن يامان كۆرسۇن، ئاشۇ ئىماننىڭ ئەڭئاجىز نوقتىسىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 49 -ھەدىس].

يولدىشىڭىزچەكلەنگەن ئىشقا قەدەم قويۇۋاتسا،ئۇنى توسماستىن ئىختىيارىغا قويىۋەتكەنلىكىڭىزۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە رازىبولغانلىقىڭىز توغرا بولمايدۇ، ئەر گۇناھكاربولىدۇ، مۇشۇنداق ئۇلۇغ، رەھمەتئېيىدا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا تېرىشىپ،چەكلەنگەن ئىشنى مەقسەت قىلغانلىقىئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا ئۇچرايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كىمكىرامزاننىڭ كۈندۈزىدە بىر نەرسەيەپ-ئىچىپ يۈرگەن ئادەمنى كۆرسە، ئۇكىشىگە رامىزان روزىسىنى ئەسلىتىش زۆرۈر بولىدۇ،چۈنكى ئۇ كىشى ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسەيېگەنلىكى ئۈچۈن ئۈزۈرلۈكھېسابلىنىدۇ،ئەمما سىزئۇنتۇپ قالمىدىڭىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُواعَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِتەرجىمىسى:ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققاياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغاياردەملەشمەڭلار. [سۈرە مائىدە2-ئايەت].”ئايلىق ئۇچرىشىش”(70/44).

بۇنداققىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيىتىبولغان يەردە، ئېرىنى يۇقىرىقىدەك ئىشلاردىنئاگاھلاندۇرۇش ئەلۋەتتە زۆرۈربولىدۇ، گەرچە ئەرنىڭ ھەققى يۇقىرىئورۇندا تۇرسىمۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەرنىئاگاھلاندۇرۇش بەك مۇھىم.

سىز ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپارئېيتىڭ، بۇنداق ئىشنى قايتا تەكرارلىماڭ،ئېرىڭىز ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىغاياردەم بېرىدىغان ياخشى ياردەمچى بولۇڭ،ئېرىڭىزنىڭ بىر خاتالىق سادىر قىلىۋاتقان ياكى قىلىشنىمەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز ئۇنىبۇ ئىشتىن چەكلەڭ، ئاللاھ تائالانى ئەسلىتىڭ”.

ھەممىدىنتوغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android