1,974

نامازنى ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇش توغرىسىدا

سوئال: 20788

خۇپتەن نامىزىنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئوقۇماستىن ۋاقتىدىن بۇرۇن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇساق توغرا بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىنى دەلىل-پاكىت بىلەن چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَّوْقُوتًا  تەرجىمىسى :ھەقىقەتەن ناماز مۇسۇلمانلارغا ۋاقتىدا ئوقۇش پەرىز قىلىندى. [سۈرە نىسا 103-ئايەت].

    بۇ ھەقتە "ناماز ۋاقتىنىڭ تەپسىلاتىنىڭ بايانى" ناملىق  9940- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئوچۇق بايان قىلىندى.

    بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن نامازنى ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر نامازنى ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغان بولسا:

  -ئەگەر قەستەن شۇنداق قىلغان بولسا، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، گۇناھكار بولىدۇ.

    -ئەگەر قەستەن ئۇنداق قىلماستىن، ئۆز قارىشىدا نامازنىڭ ۋاقتى بولدى دەپ ئوقۇغان بولسا، ئۇ كىشى گۇناھكار بولمايدۇ، ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغان نامىزى نەپلە ناماز ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ۋاقتىدا ئوقۇشمۇ نامازنىڭ توغرا بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىندۇر. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ: "شەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسىرى 2 -توم 88-بەتتىكى سۆزى ئاخىرلاشتى].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android