بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
ئىستىغپار بولسا قەلبنىڭياشنىشى، نۇرلىنىشى ۋە ھىدايەت تېپىشىنىڭسەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئۇ ئاللاھتائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭسەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: لَوْلَا تَسْتَغْفِرُونَ اللَّـهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَتەرجىمىسى: سىلەررەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈننېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپقىلمايسىلەر؟. [سۈرە نەمل46-ئايەت].
سەلەپ ئالىملارنىڭبەزىسى مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ بىربەندىسىگە ئىستىغپار ئېيتىشنى ئىلھام قىلمىغانلىقى، ئاللاھتائالانىڭ ئۇ بەندىسىنى ئازابلاشنى مەقسەتقىلغانلىقىدىندۇر" [ئەھيا ئۇلۇمىددىن 1-توم 313].
ئىستىغپار ئېيتىش بولسا ئاللاھ تائالانىياد ئېتىپ زىكىر قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئاللاھ تائالانىياد ئېتىش بىلەن قەلب ياشنايدۇ.
ئىبنى قەييىمرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زىكىرقىلىشنىڭ مېۋىسى قەلبنى ياشنىتىشىدۇر". [مەدارىجئەسسالىكىن 2-توم 29-بەت].
ئىستىغپار گۇناھسەۋەبىدىن كېسەل بولغان قەلبنىڭدورىسىدۇر. گۇناھ-مەسىيەت بارلىقبالا-مۇسىبەتنىڭ ئاساسىدۇر.
ئىمام قەتادەرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى،قۇرئان كەرىم سىلەرگە كېسەللىرىڭلارۋە كېسەلنىڭ دورىسىنى بايان قىلىپ بەردى،كېسەللىرىڭلار بولسا، سىلەرنىڭگۇناھىڭلار، كېسەلنىڭ دورىسى بولسا ئىستىغپارئېيتىشتۇر". [ئىمان شاخچىلىرى 9/347].
ئىستىغپار بولسا قەلبنىكىر-قاسماقلاردىن، غەپلەت ۋە سەھۋەنلىكلەردىن تازىلاپ، ئۇنىڭچاقنىشى ۋە پاكلىنىشىدىكى كاتتاسەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئىبنى قەييىمرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەنبىر كۈنى ئۇستازىم ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېدىم: "بەزىئۆلىمالار: بەندە ئۈچۈن تەسبىھ ئېيتىشبەكراق پايدىلىقمۇ ياكى ئىستىغپار ئېيتىشمۇ؟ دەپسوراۋاتىدۇ دېسەم، ئىبنى تەيمىيەرەھىمەھۇللاھ جاۋاپ بېرىپ: "كىيىمپاكىزە بولسا گۈل سۈيى ۋە خۇش-پۇراقنەرسىلەر مەنپەئەتلىكراق بولغاندەك،ئەگەر كىيىم قاسماق-كىر بولسا، ئىسسىق سۇ بىلەنسوپۇن بەكراق مەنپەئەتلىك بولىدۇ".ماڭا يەنە: "ئەمما كىيىم ھەمىشەكىر-قاسماق بولسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەن. [ۋابىلىسسەيىب 92-بەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مىسالدىكىگۈل سۈيى ۋە خۇش-پۇراقنەرسىلەردىن زىكىر-تەسبىھ قاتارلىقلار مەقسەتقىلىنىدۇ. سوپۇن بىلەن ئىسسىق سۇدىن ئىستىغپارمەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى كىيىم بىلەنبەدەن سوپۇن بىلەن تازىلانغاندەك،گۇناھدىنمۇ ئىستىغپار بىلەن پاكىزلىنىدۇ.
ئەغەررىل مۇزەنىرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەتقىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: مېنىڭ قەلبىممۇپەردىلەنگەندەك بولىدۇ، مەنمۇكۈندە 100 قېتىم ئىستىغپار ئېيتىمەن. [مۇسلىمرىۋايىتى2702-ھەدىس].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنىتەيمىيە رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقىھەدىستە توختۇۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:"پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇھەدىستە، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى ئاللاھ تائالاغائىستىغپار ئېيتىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق قەلبىنى ئورىۋالغانپەردىلەرنىڭ يوقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەربەرگەن". [پەتىۋالار توپلىمى 15-توم 283-بەت].
ئەبۇ ھۈرەيرەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: «شۈبھىسىزكى، مۆمىن بىر گۇناھ قىلسا،ئۇنىڭ قەلبىگە بىر قارا چىكىت پەيدا بولىدۇ،ئەگەر تەۋبە قىلسا، گۇناھدىن قولئۈزسە قەلبى ئاقىرىپ پاكلىنىدۇ. ئەگەرگۇناھ-مەسىيەت زىيادە بولسا قەلبىنى قاراچېكىتلەر قاپلاپ كېتىدۇ، مانا بۇ ئاللاھ تائالاقۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلغان قارا چىكىتلەردۇر.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُوا يَكْسِبُونَ تەرجىمىسى: ھەرگىزئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭگۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن. [سۈرە مۇتەپپىپىن 14-ئايەت]. [بۇھەدىسنى ئىمام تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەتقىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرتوپلىمىدا 2654- نومۇرلۇقھەدىستە كەلتۈرگەن].
بۇ ھەقتەتېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن104919-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەتقىلىنسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتائالادۇر.