5,618

قىز-خانىملارنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئادا قىلىشى توغرىسىدا

سوئال: 258

ئاياللار توپلانغان سورۇندا ئەرلەر بولمىسا، ئاياللار نامازنى جامائەت بولۇپ ئادا قىلامدۇ ياكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادا قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

قىز-خانىملارنىڭ جامائەتبولۇپ ناماز قىلىشى جايىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىمامبولغۇچى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىلار بىلەنباراۋەر تۇرىدۇ.

بەزىئەسەرلەردە، ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاياللارغائىمام بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېپىنىڭ ئوتتۇرىسىداتۇرۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكىبايان قىلىنىدۇ.[ئابدۇراززاق "ئەلمۇسەننىف" ناملىقئەسەر 3- توم 141-بەتتە، دارىي قۇتنىي 1- توم 404-بەتتە، باشقىلارمۇمۇشۇمەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى بايان قىلغان]. بۇئەسەر باشقا يوللار بىلەن كۈچلىنىپسەھىھلىك دەرىجىسىگەيەتكەن.

ئۇممۇ ھەسەن، ئۇممۇ سەلىمەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئاياللارنىڭسېپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇلارغا ئىمامبولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى ئۆزىنىڭكۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. [ئىبنى ئەبۇشەيبە"ئەلمۇسەننىف" 2- توم 88- بەتتەبايان قىلغان].

ئىبنى قۇدامەرەھىمەھۇللاھ، "ئاياللارنىڭ جامائەتكەچىقىشى ياخشى كۆرۈلەمدۇ ياكىكۆرەلمەمدۇ" دېگەن تېمىدىكىتالاش-تارتىشلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن، "ئاياللارنىڭ ئىمامبولىشى توغرىسىدا" دېگەن ماۋزۇدا توختىلىپمۇنداق دېگەن: "ئاياللار جامائەت بولۇپ نامازئوقۇغاندا، ئاياللاردىن بىرى ئىمام بولۇپ ئۇلار بىلەن بىرسەپتە، يەنى سەپنىڭ ئوتتۇرىسىداتۇرۇپ نامازئوقۇيدۇ. ئاياللارنىڭ قىز-خانىملار ئارىسىدا ئىمام بولىشىتوغرىسىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق. ئاياللارنىڭ نامازدىمۇھىجابلىنىشى ۋاجىپ بولغاچقا، سەپنىڭ ئالدىغا چىقماستىنبەلكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ،ئەتراپىدىكىلەر ئىمامنى ئىككىلى تەرەپتىن ئوراپتۇرىدۇ. [ئەلمۇغنىي 2-توم 202- بەت].

"ئەلمۇھەززەپ"ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ:"سۈننەت بويىچە قىز-خانىملارغا ئىمام بولغان ئايالئۇلارنىڭ سېپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ،چۈنكى ئائىشە ئانىمىز ۋە ئۇممۇسەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالارنىڭسەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ئاياللارغا ئىمامبولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان".[4-توم 295- بەت].

بۇ ھەقتە كۆپرەك مەلۇماتھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغۇچىلار، ئىمامئەدەۋىينىڭ "ئاياللار توغرىسىداھۆكۈملەر" ناملىق ئەسىرى 1- توم 351- بەتكەمۇراجىئەت قىلسۇن].

ھەممىدىنياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

تەرجىمەقىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android