بارلىق گۈزەلماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغانئاللاھغا خاستۇر.
سىڭلىڭىزغاقىلىدىغان نەسىھىتىمىز؛ ئۇ دائىم ئېرىنىڭ يېنىدىنئايرىلماستىن، ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈپ ھەقىقى تەۋبە قىلىشىغا ياردەمچى بولىشى،ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئائىلىسىنى ھالاكەتكە ئىلىپبارىدىغان ئىنسانى شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا تاشلاپقويماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇ ئايالىنىڭياردىمىگە ناھايىتى بەك ئېھتىياجلىق.
شۇنىڭدەكزەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇشمەركەزلىرىگە بېرىپ ئۇلاردىن ياردەم سورىشىلازىم. بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ ئابرۇيىغا تەسىريەتكۈزمەيدۇ. بەلكى يولدىشىنىڭ بۇقىلمىشتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا پايدىسى بولىدۇ.ھەر دائىم ئىككىلەنمەستىن داۋالاش مەركەزلىرىگەتىلىپۇن قىلىپ مەسلىھەت سوراپ تۇرۇشى لازىم.
سىڭلىڭىزيولدىشىنى، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا ۋەقورقۇشقا يېتەكلىشى، ئۆلۈمنى ۋەئاللاھغا ئۇچرىشىشنى ئەسلىتىشى، زەھەرلىكچېكىملىكنى تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشىۋە ئۇنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئىنسانغائىلىپ كىلىدىغان خەتىرى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالى،ئائىلىسىنىڭ كېلىچىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنتايىنچىرايلىق ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈشى لازىم.شۇنداقلا ئۇنىڭ پات-پۇرسەتتە ساقىيىپكېتىدىغانلىقى ۋە بۇ قىلمىشتىن قولئۇزەلەيدىغانلىقى، مېھرىبان ئاللاھنىڭئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغائۈمىدلەندۇرىشى كېرەك.