1-ئىسلامدا ئايال بولۇش خورلۇق ئەمەس.
2-قۇرئان ئايەتلىرىدە ئوغۇللارنى دۇنيانىڭ زىننىتى دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن خەۋەر بېرىشتۇر، بۇنىڭدا ئوغۇل بىلەن پەخىرلىنىپ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قىزلارنى تۆۋەن كۆرۈش دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ.
3-قىزلارنى خارلاش، ئېتىبارغا ئالماسلىق دېگەن ئىسلام ئەھلىنىڭ ئەخلاقى ئەمەس، بەلكى ئۇ جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئەخلاقىدۇر.
4-ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئىكرام قىلىشى ئەرلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغاندەك، ئاياللارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.