5,305

ئىنسان مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟

سوئال: 34898

ئىنسان ئىشلاردا مەجبۇرىمۇ ياكى ئىختىيار ئىگىسىمۇ؟

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين بۇ ھەقتە سورالغان ۋە مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: سورىغۇچى ئۆزىدىن سورىسۇنكى: ئۇ ئالماقچى بولغان ماشىنىنىڭ تۈرىنى ئۆزى تاللامدۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى ئۆزىدىن سورىسا ئۇنىڭغا بۇ سوئالنىڭ جاۋابى روشەنلىشىدۇ.
ئاندىن يەنە سورىسۇنكى، ئۇنىڭغا بىرەر خاپىلىق يەتسە، ئۇنىڭ ئىختىيارى بىلەن يېتەمدۇ؟
ئۆزى ئىختىيار قىلىپ كىسەل بولامدۇ؟
ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆلەمدۇ؟
يۇقىرىدىكىدەك سوئاللارنى ئۆزىدىن سوراپ پىكىر قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپالايدۇ.
جاۋاب شۇكى، ئەقلى جايىدا ئىنسان ئۆزى قىلغان ئىشىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئاڭلاڭ: خالىغان كىشى رەببى تەرەپكە يول ئالسۇن . سىلەردىن دۇنيانى خالايدىغانلار ۋە سىلەردىن ئاخىرەتنى خالايدىغانلار بار.
لېكىن بەندە بىر ئىشنى قىلىشنى خالاپ شۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا بىلىمىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇ ئىشنى قىلىشنى ئىرادە قىلغان. خۇددى قۇرئان كەرىمدە دېيىلگىنىدەك: سىلەردىن خالىغان كىشى توغرا يولدا ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىمىغىچە سىلەر خالىيالمايسىلەر» ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچقانداق ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىسىز يۈز بەرمەيدۇ.
ئىنسانغا ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز يۈز بېرىدىغان ئىشلاردا بەندىنىڭ تاللىشى ۋە ئىختىيار قىلىشى يوقتۇر. مەسىلەن: كېسەللىك، ئۆلۈم ۋە بەزى ھادىسىلەرگە ئوخشاش. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

www.islamqa.com

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android