2,858

ئۆز يۇرتىغا قايتىدىغان كۈنىدە روزا تۇتمىغان كىشى توغرىسىدا

سوئال: 38933

يۇرتۇمدىن خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن سەپەرگە چىققان ئىدىم، مەن شۇ كۈنى قايتىپ كېلىشىم كېرەك ئىدى، بامدات نامىزىدىن كېيىن كۆزلىگەن جايغا يىتىپ كەلدىم، مېنى كۈتىۋالغانلارغا: مەن بۈگۈن قايتىمەن دەپ پېشىن ۋاقتىدا ئويغىتىپ قويۇشنى، ھاۋالە قىلدىم، پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلار ماڭا چۈشلۈك تاماق ئىلىپ كەلدى، مەن يېمەك يەپ بولۇپ يولغا چىقتىم، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سۆزىڭىزدىن رامىزاندا شۇ كۈندە روزا تۇتمىغانلىقنىڭ ھۆكمىنى سوراۋاتىسىز، شۇنداقلا سىزنىڭ بىر قانچە سائەتقاتناش ۋاستىسى بىلەن يۈرگەنلىكىڭىزدىن قارىغاندا، ئۆز يۇرتىڭىز بىلەن سەپەر قىلغان جاينىڭ ئارىلىقى يىراق ئىكەن، بۇنداق يول يۈرۈش سەپەر قىلغانلىق دېيىلىدۇ. رامىزاندا سەپەر قىلغان كىشى ئۈچۈنروزا تۇتماسلىق دۇرۇس بولىدۇ، سىز شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى تۇتسىڭىز بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ تەرجىمىسى: كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android