1,034

جازانە شەكىلدە مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش شەرتى بىلەن ئۆي سېتىۋالغان كېشىنىڭ ھەج قىلىشى توغرىسىدا

سوئال: 4241

   ئاتام مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش شەرتى بىلەن ئۆي سېتىۋالدى، ھەم بانكىغا بۇ قەرزنىڭ پايدىسىنى ئۆتەيدۇ، ھازىر ھەجگە بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ، مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆتەشنىڭ يەنە ئون بەش يىل ۋاقتى بار، قەرزدار بولسىمۇ ھەج قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ياكى ئون بەش يىل ساقلاپ قەرزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەج قىلىشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر ھازىر ھەج قىلىش توغرا بولمىسا بۇ جەرياندا ئۆمرە قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ھەر ئايدا ئۆتەيدىغان قەرزنى ۋاقتىدا ئۆتىيەلىسە، ئۇلارغا قەرزنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ بولغۇچە ساقلاش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ھەر ئايلىق قەرزنى ۋاقتىدا ئۆتەپ يەنە ھەج قىلىشقا قادىر بولالىسا ئۇلارغا ھەج قىلىش پەرز بولىدۇ شۇنىڭدەك ئۆمرە قىلىشمۇ كېرەك بولىدۇ. ئەمما جازانە ئىشىغا كېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھغا تەۋبە قىلىشى كېرەك.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android