2,063

مەككە ئەھلىنىڭ ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئېھرام كىيىدىغان ئورنى توغرىسىدا

سوئال: 43065

مەككە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن قايسى جايدىن ئېھرام كىيىدۇ؟ ئەگەر ئۇلار ياز پەسلىدە ھۇدا دېگەندەك ئېھرام كىيىش بەلگىلەنگەن جاينىڭ سىرتىدا بولسا ئۆمرىگە قايسى جايدىن ئېھرام كېيىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مەككە ئەھلى ئۆمرىگە تەنئىمغا ئوخشاش ھەرەمنىڭ سىرتىدىكى جايلارغا چېقىپ ئېھرام كىيىدۇ، ئەگەر ئۇلار ياز پەسلىدە ھۇدا دېگەنگە ئوخشاش بەلگىلەنگەن جاينىڭ سىرىتىدا تۇرغان بولسا، ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ تۇرغان ئورنىدىن ئېھرامغا كېرىدۇ، ئېھرام كىيىش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەلگىلەنگەن جاينىڭ سىرتىدا تۇرىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرغان يېرىدىن ئېھرامغا كىرىدۇ، ھەتتا مەككە ئەھلىمۇ مەككىدىن ئېھرامغا كېرىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    يەنە بۇخارى ۋە مۇسلىمدە ئىسپاتلانغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مەككىدە ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئېھرام كىيىپ كېرىشكە بۇيرىغان. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

["ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى"11-توم 129-بەت].

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android