2,014

پەرز تاۋاپنى تەرك قىلغان كىشى توغرىسىدا

سوئال: 49012

مەن دەسلەپتە قىلغان تاۋاپ كۇپايە قىلىدىغۇ دەپ ئويلاپ ئەرەپاتتىن قايتقاندىن كېيىن پەرىز تاۋاپنى قىلماپتىمەن، ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپۇل ئىپادە بولسا ھەجنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ بۇ ئادا قىلىنمايدىكەن ھەج تامام بولمايدۇ، ئەگەر پەرز تاۋاپنى قىلمىسا قىلغان ھەججى ھەج بولمايدۇ، ئۇ كىشى گەرچە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ چوقۇم مەككىگە قايتىپ كېلىپ پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، پەرز تاۋاپنى ئادا قىلمىغان ھالەتتە ئېھرامدىن تولۇق چىققان ھېسابلانمايدۇ، ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، ئەگەر تەمەتتۇ ھەج قىلغان بولسا پەرز تاۋاپ بىلەن ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلغاندىن كېيىن، قىران ياكى يالغۇز ھەج قىلغان بولسا، دەسلەپتە كەلگەندە قەدەم تەشرىپ قىلىش تاۋاپىدىن كېيىن سەئيى قىلمىغان بولسا، ئەرەپاتتىن قايتىپ پەرز تاۋاپنى ۋە سەئيىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن تولۇق ئېھرامدىن چىققان بولىدۇ".

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام ئاساسى پەتىۋالىرى" 541-بەت

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android