1,096

ئەر-ئاياللارنىڭ ئېھراملىق ھالىتىدە پايپاق كىيىش توغرىسىدا

سوئال: 49034

   مەن ئۆمرىگە ئېھېرامغا كىرگەن ۋاقتىمدا ھاۋا بەك سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن پايپاق كېيىۋالغان ئىدىم، بۇنىڭغا كاپارەت كېلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئەر كىشىنىڭ ئېھراملىق ھالەتتە پايپاق كىيىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما ئاياللار كىيسە توغرا بولىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىئ" 7-توم 154-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئايالنىڭ ئېھراملىق ھالەتتە پايپاق كىيىشى چەكلىنىدۇ؟ دېگەندە، ياق، چەكلەنمەيدۇ، ئەرلەرگە چەكلىنىدۇ".

    ئەگەر ئەر كىشى ئېھراملىق ھالىتىدە پايپاق كىيىشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا پايپاق كىيسە بولىدۇ، ئۇنىڭغا جازا كېلىدۇ، ئۇنىڭ جازاسى: بىر قوي ئۆلتۈرۈش ياكى ئالتە مىسكىنگە يېمەك بېرىش ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ قايسىسىنى قىلسا بولىدۇ.

دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئەرلەر ھەجنىڭ تاۋاپلىرىدا، يېڭىدىن كەلگەندىكى تاۋاپتا ۋە ئۆمرە قىلىشتىكى تاۋاپتا پايپاق كىيسە قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " ئەرلەرنىڭ ھەج-ئۆمرىگە ئېھرام كىيگەندە پايپاق كىيىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر كېسەللىك ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەردىن پايپاق كىيىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، پايپاق كىيسە بولىدۇ، ئۇ كىشىگە جازا كېلىدۇ، ئۇ جازا: ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى ئالتە مىسكىنگە يېمەك بېرىش، ھەر بىر مىسكىنگە بىر يېرىم كىلو ئەتراپىدا خورما قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن بېرىش ياكى بىر قوي ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ["ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى" 11-توم 183-بەت].

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android