0 / 0
4,93725/06/2015

بەك ياشىنىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن كىچىك تەرەتنى توختىتالمايدىغان كىشى شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇپ-روزا تۇتامدۇ؟

سوئال: 50058

دادام بەك ياشىنىپ قالدى (يەنى 105 ياشقا كىرىپ قالدى) بەزى ئىسىنى يوقۇتۇپ قويغۇچىغا ئوخشاپ قالىدۇ، بىزنى بەزى ۋاقىتتا تونۇيدۇ، بەزى ۋاقىتتا تونۇمايدۇ، ئاخىرىقى يىللاردا تەرەت توختىتالمايدىغان بولۇپ قالدى، بەزى كۈنلىرى كىيىملىرىنى بىر قانچە قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويىمىز، تەرىتى بولمىسىمۇ ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟ روزىمۇ تۇتامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

دادىڭىزنىڭ ئەھۋالىئەقلى ۋە ئىدراكى جايىدا بولغاندا، ئۇنىڭغابېرىلىدىغان ھۆكۈممۇ ئوخشىمايدۇ، ئەگەرئەقلى-ھوشىنى يوقىتىپ قويغاندا، تەرەت ئېلىشقىمۇ،ناماز ئوقۇشقىمۇ ۋە ياكى روزاتۇتۇشقىمۇ بۇيرۇلمايدۇ، ئەقلى-ھوشىجايىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا قىيىن بولمىغانشارائىتتا، كۈچىنىڭ يېتىشچە شەرىئەتكۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقابۇيرۇلىدۇ.

شەيخ مۇھەممەدئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن:ئەقلىنى يوقاتقۇچى، دۆت، ساراڭ ۋە سەبىبالىلارغا روزا تۇتۇش پەرز بولامدۇ؟ دەپسورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:”ئىنسان ئىبادەتكە لايىق بولغاندا، يەنى ئەقلى-ھوشىجايىدا ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلالايدىغانبولغاندا،ئاللاھ تائالائۇنىڭغا ئىبادەتلەرنى پەرز قىلىدۇ.ئەمما ئەقلى-ھوشى جايىدا بولمىسا، ئۇنىڭغا ئىبادەتقىلىش پەرز بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنساراڭ ۋە ئاق-قارىنى ئايرىيالمايدىغان سەبى بالىلارغائىبادەت ۋاجىپ بولمايدۇ. ساراڭلىق دەرىجىسىگەيەتمىگەن بولسىمۇ ئەقلى تولۇق بولمىغانكىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر،. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭرەھمىتىدىندۇر. شۇنىڭدەك سوئالداسورالغاندەك، بەك ياشىنىپ كەتكەنلىكسەۋەبىدىن ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغانكىشىگىمۇ ناماز. روزا، تەرەت قاتارلىق ئىبادەتلەرپەرز بولمايدۇ، چۈنكى ئەقلى-ھوشىنى يوقۇتۇپقويغان كىشى بىر نەرسىنى ئايرىيالمايدىغان كىچىك بالىنىڭ ئورنىدابولىدۇ. ئۇ بوۋايدىن شەرئى تەكلىپلەرچۈشۈپ كېتىدۇ، تەرەت ئىلىش، نامازئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش كېرەكبولمايدۇ، ئەمما ئىقتىسادى ئىبادەتلەر بولسا،گەرچە ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭمال-مۈلكى ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭمال-مۈلكى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەنبولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچى ئۇنىڭمېلىدىن ئۆلچەملىك ھالدا زاكاتنى ئايرىيدۇ. چۈنكىزاكات مالغا ئالاقىدار ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن مىلى بار كىشىدىنگەرچە ئەقلى-ھوشى بولمىسىمۇ مېلىغا زاكاتبېرىش پەرز بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمبِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَّهُمْ ۗ وَاللَّـهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌتەرجىمىسى: (ئىمۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنىسەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەنئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋەياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئاقىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغاخاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭسۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، نىيەتلىرىنى بىلىپتۇرغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە103-ئايەت].

ئاللاھتائالا ئايەتتە: ئۇلاردىن زاكات ئالغىن دېمىدىبەلكى ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن ئالغىن، دېدى.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئازرەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگەئەۋەتكەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مۇنداقدېگەن: ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ماللىرىغا زاكاتنىپەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئىلىپكەمبەغەللىرىگە بەرگىن. ھەدىستەپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇلارنىڭماللىرىغا زاكاتنى پەرز قىلدى، دېدى. گەرچە زاكات مالئىگىسىدىن ئېلىنسىمۇ، ئۇنىڭ مالغا پەرزقىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەرھالدا: ئىقتىسادىئىبادەتلەر ئۇ كىشى ياشىنىپ كەتكەن بولسىمۇئۇنىڭ زىممىسىدىن ساقىت بولمايدۇ. ئەمما ناماز، روزا،تەرەتكە ئوخشاشجىسمانىي ئىبادەتلەر ياشانغانلىق سەۋەبىدىنئەقلىنى يوقۇتۇپ قويغان مەزكۇر كىشىنىڭزىمممىسىدىن ساقىت بولىدۇ”. [“شەيخ ئىبنىئۇسەيمىيننىڭ پەتىۋالار توپلىمى” ناملىقئەسىرى (19/4-نومۇرلۇقسۇئال)].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھدىن: بەزىدە ئەقلى جايىدا،بەزى ۋاقىتلاردا ئەقلىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان ياكىبىر كۈن ساق بولسا يەنە بىر كۈن ئەقلىنىيوقۇتۇپ قويىدىغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپبېرىپ مۇنداق دەيدۇ: “ھۆكۈمئىللەت بويىچە بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئەقلى-ھوشىجايىدا، ساق بولغان كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش پەرزبولىدۇ، ئەقلىنى يوقاتقان كۈنلىرىدە روزاتۇتۇش پەرز بولمايدۇ. مەسىلەن: بىر كۈنساراڭ بولۇپ، بىر كۈن ساق بولغان بولسا، ساق كۈنىدەروزا تۇتۇش پەرز بولىدۇ، ئەقلىنى يوقاتقانكۈنىدە روزا تۇتۇش كېرەكبولمايدۇ”. [“شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينپەتىۋالار توپلىمى”(19/43-نومۇرلۇق سۇئال)].

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android