2,378

توي قىلماقچى بولغان يىگىتنىڭ سۆز ئاچقان قىز بىلەن يالغۇز قىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 7757

   مۇسۇلمان يىگىتنىڭ ئۆزى توي قىلماقچى بولغان قىز بىلەن تويدىن ئىلگىرى ئۆزلىرى ۋەدىلەشكەن جايغا چىقىشى توغرىمۇ؟ ئەگەر ئەمەلىيەتتە چىققان بولسا، ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرىمۇ؟ ئىسلام دىنىدا قىز-ئوغۇللارنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇن سىرتلارغا بىرگە چىقىشى توغرىسىدا قانداق ھۆكۈملەر بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    توي قىلمىغان ئەر-ئاياللارنىڭ خالى جايدا بىرگە تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش پىسقى-پۇجۇر، بۇزۇقچىلىققا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يالغۇز خالى قالىدىكەن ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتاندۇر».

   ئەگەر توي قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن بولسا، يالغۇز قالمىغان ئەھۋالدا، قىزنىڭ يېنىدا دادىسى ياكى ئانىسى ياكى قېرىنداشلىرىدىن بىرەرسى بولسا ئۇ قىزغا قارىسا بولىدۇ، قاراشتىمۇ كۆپىنچە ئاشكارا بولىدىغان يۈزى، چېچى، ئىككى ئالقىنى ۋە ئىككى قەدىمى قاتارلىق جايلارغا سۈننەت بويىچە پىتنىدىن ساقلانغان ئاساستا قارىسا بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ ۋەلىيد ئەل پىريان

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android