0 / 0

تۈرمىنىڭ قاراڭغۇ كامىرىلىرىدا ۋاقىتنى بىلمەيدىغان مەھبۇسلار ناماز بىلەن روزىنى قانداق قىلىدۇ؟

سوئال: 81421

يەر ئاستىدىكى قاراڭغۇ كامىرىغا سولانغان، قول-پۇتلىرى زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەن مەھبۇسلار ناماز ۋاقتىنى بىلمەيدۇ ۋە رامزاننىڭ قاچان بولىدىغان ياكى بولغانلىقى بىلمەيدۇ، ئۇلار ناماز بىلەن روزىنى قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى:ئاللاھ تائالادىن تۈرمىدىكى بارلىق مەھبۇسلار ئۈچۈنقىسقا ۋاقىتتا چېقىش يولى بېرىشىنى، ئۇلارغا ئۆزپەزلىدىن سەۋرچانلىق ئاتا قىلىشىنى، ئۇلارنىڭقەلبىنى ئىشەنچ ۋە ئارامدىللىققاچۆمدۈرۈشىنى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن توغرايولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىنبەندىلىرىنى كۈچلاندۇرۇپ، دۈشمەنلىرىنى خارقىلىشىنى سورايمىز.

ئىككىنچى:ئىسلام ئالىملىرى تۈرمىدىكى ئەسىر-مەھبۇسلاردىن نامازبىلەن روزىنىڭ ساقىت بولمايدىغانلىقىنى بېكىتتى، ئۇلاركۈچىنىڭ يېتىشچە ۋاقىتنىمۆلچەرلەپ، ئۆز قارىشىدا ناماز ۋاقتى بولدىدەپ ئىشەنچ قىلسا نامازنى ئوقۇيدۇ، رامىزان ئېيىكىردى دەپ ئىشەنچ قىلسا روزا تۇتىدۇ، ۋاقىتنىبىلەلمىگەندە، كۈنلۈك تاماق ۋاقتىغا قاراپبەلگىلىسە ياكى تۈرمىدىكىلەردىن (يەنى ۋاقىتنىبەلگىلەشتە مەھبۇسقا قايسى ئۇسۇل ئاسانبولسا شۇنى قىلىشى كېرەك) سورىسىمۇ بولىدۇ.

ناماز بىلەن روزىنىڭ ۋاقتىنىبىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاندىن ۋاقىت بولدىدەپ پەرەز قىلىپ ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتقان بولساتوغرا قىلغان بولىدۇ. گەرچە ئۆز ۋاقتىداقىلسۇن ياكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قالسۇنمەزكۇر ئىبادەتلەرنى قايتا ئادا قىلىش كېرەكبولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: ئاللاھھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپقىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە286-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا يەنەمۇنداق دەيدۇ:لَا يُكَلِّفُ اللَّـهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آتَاهَاتەرجىمىسى: ئاللاھئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپقىلىدۇ.[سۈرە تالاق 7-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئەگەر ئۇقۇشماسلىقتىن روزاھېيت كۈنىنى رامىزان دەپ روزا تۇتقان بولسا، بۇكۈننىڭ روزىسىنى قايتا تۇتىدۇ، چۈنكى ھېيتكۈنى روزا تۇتۇش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەكمەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئۆزىنىڭ نامازنى ۋاقتىكىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇغانلىقىنى، روزىنىمۇ رامىزانكېلىشتىن بۇرۇن تۇتقانلىقىنى بىلسە، ئۇكىشىگە ناماز بىلەن روزىنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەكبولىدۇ.

پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى ناملىقئەسەرنىڭ 28-توم 84-85-بەتلىرىدەمۇنداق بايان قىلىنغان: كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا،ئايلارنى ئايرىيالمىغان كىشىدىن رامىزان روزىسى ساقىت بولۇپكەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدەقالىدۇ، ئاينى ئايرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىپ روزاتۇتقان كىشى تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈكئىشنىڭ بىرىدىن خالى بولالمايدۇ:

1-قىيىنچىلىقداۋاملاشقان، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلىنمىگەن،يەنى تۇتقان روزىسى رامزاندا بولدىمۇ ياكى رامزاندىنئىلگىرى-كىيىن بولۇپ قالدىمۇ بۇنى بىلمىگەن كىشىنىڭتۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، كىيىن قايتىدىن ئىئادە قىلىشكېرەك ئەمەس، چۈنكى ئۇ كىشى ۋاقىتنىبەلگىلەشكە تىرىشچانلىق قىلىپ ئاندىن ئىبادەتنى باشلىغان.

2-مەھبۇسنىڭتۇتقان روزىسى رامىزان ئېيىغا مۇۋاپىق كەلگەنبولسا، بۇ روزا ئۇ كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ.

3-مەھبۇسنىڭ تۇتقان روزىسى رامزاندىن كىيىنكى ئايغا توغراكەلگەن بولسا، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىداتوغرا بولىدۇ.

4-بۇنىڭدائىككى خىل قاراش بار: بىرىنچىسى: تۇتقان روزىسى رامزاندىنبۇرۇنقى ئايغا توغرا كەپقالغان بولسا، مەھبۇسبۇنى رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن بىلگەن بولسا، رامىزانئېيى كىرگەندە رامىزان روزىسىنى قايتا تۇتىدۇ، چۈنكىئۇ كىشى رامزاننىڭ ئۆزىدە روزا تۇتۇشقامۇيەسسەر بولدى. ئىككىنچىسى: تۇتقان روزىسى رامزاندىنبۇرۇنقى ئايغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ كىشىبۇنى رامىزان ئېيى چىقىپ كەتكەندىن كېيىنبىلگەن بولسا، بۇنىڭ توغرا بولۇش بولماسلىقىدا ئىككى خىلقاراش بار: 1- ئۇ كىشىنىڭ رامزاندىن بۇرۇن تۇتقانروزىسى رامىزان روزىسىغا ھېساب بولمايدۇ بەلكى ئۇكىشىگە رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش پەرز بولىدۇ،بۇ مالىكى، ھەنبەلى ۋە شاپىئى مەزھەپئالىملىرىنىڭ قارىشى. 2-ئۇ كىشىنىڭ رامىزان ئېيىكېلىشتىن بۇرۇن تۇتقان روزىسى رامىزان روزىسىغا كۇپايەقىلىدۇ، بۇ خۇددى ھاجىلار ئەرەپات كۈنىنىبىلەلمەي، ئەرەپات كۈنىدىن بۇرۇنئەرەپات مەيدانىدا تۇرغان بولسا ئۇلارغا بۇكۇپايە قىلغانغا ئوخشاش. بۇ شاپىئى مەزھەپقارىشىدىكى بىر قىسىم ئالىملارنىڭ سۆزىدۇر.

5-مەھبۇسنىڭتۇتقان روزىسىنىڭ بەزىسى رامىزان ئېيىغامۇۋاپىق كەلگەن بەزىسى رامىزان ئېيىغامۇۋاپىق كەلمىگەن بولسا، رامىزان ئېيىغامۇۋاپىق كەلگەن ۋە رامزاندىن كېيىنتۇتقان روزىسى رامىزان روزىسىغا كۇپايە قىلىدۇ. رامىزانئېيىدىن بۇرۇن تۇتقىنى رامىزان ئېيىغاكۇپايە قىلمايدۇ. تۈگىدى. “ئەلمەجمۇئ ناملىق ئەسەر 3- توم 72-73-بەتلەر.ئەلمۇغنى 3-توم 96-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android