1,061

چاچنى ئالدۇرۇپ ۋە تىرناقنى كەسكەندىن كېيىن ئۇنى بىر جايغا كۆمۈۋېتىش كېرەكمۇ؟

سوئال: 97740

   چاچنى ئالدۇرۇپ ۋە تىرناقنى كەسكەندىن كېيىن ئۇنى بىر جايغا كۆمىۋېتىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    كۆمىۋېتىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ ئەگەر كۆمىۋەتسىڭىز ياخشى بولىدۇ، ئۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ ئاللاھ خالىسا بىر نەرسە بولمايدۇ. چاچ ۋە تىرناقلارنى كۆمۈۋېتىش توغرىلىق كەلگەن ھەدىسلەر سەھىھ ئەمەس. بەيھەقىي"شۈئەبىل ئىماندا" چاچ ۋە تىرناقلارنى كۆمۈۋېتىش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئاجىز-زەئىپتۇر". ["نەسبۇر رەيى" 1-توم 189-بەت].

    ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "چاچ ۋە تىرناقلارنى كۆمىۋەتسىمۇ بولىدۇ، كۆممىسە ھېچ ئىش بولمايدۇ". [بۇ ئەسەرنى خەللال "ئەتتەرجىل" 19-بەتتە بايان كەلتۈرگەن].

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "چاچ ۋە تىرناقلارنى قىسقارتقاندىن كېيىن كۆمۈۋېتىش توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بەزى ئالىملار كۆمىۋېتىشنى ياخشى دەپ قارىغان، بۇ توغرىدا بەزى ساھابىلاردىن ئەسەر بايان قىلىنغان، ئەمما ئۇ نەرسىلەرنى كۆمىۋەتمەي تاشلىۋەتسە ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 11/ 60 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابى].

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android