ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى(فىقھ) ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى
نامازدا ئىماملىق قىلىشقا كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا
ساقلاشنامازدا ئىككى كىشى جامائەت ھېسابلىنامدۇ؟
ساقلاشنامازغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشىنىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا
ساقلاشئىمامنى قانداق ھالەتتە تاپسا بىر رەكئەتنى تاپقان بولىدۇ؟
ساقلاش«دائىم كېيىن قالغان قەۋىمنى ئاللاھ تائالامۇ كېيىن قويىدۇ» دېگەن ھەدىس مەناسى توغرىسىدا
ساقلاشۋىتىر نامىزى توغرىسىدا
ۋىتىر نامىزى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەردىن بىرى، ئۇنىڭ ۋاقتى ئىنسان خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن باشلىنىپ، تاڭ يورۇغىچە داۋاملىشىدۇ، ۋېتىرنىڭ ئەڭ ئاز سانى بىر رەكەت، ۋېتىرنى ئۈچ رەكەت، بەش رەكەت، يەتتە رەكەت، توققۇز رەكەت ۋە ئون بىر رەكەتتىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ۋېتىرنى نامىزىنى ئىككى رەكەت ئوقۇپ سالام بېرىپ، ئاندىن يەنە بىر رەكەتنى ئايرىم ئوقۇپ سالام بەرسىمۇ بولىدۇ، ئۈچ رەكەتنى بىر ئوقۇپ ئىككىنچى رەكەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇرماي ئۈچىنچى رەكەتتە بىر قېتىم تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ تاماملىسىمۇ بولىدۇ، بىرىنچى رەكەتتە«سەببەھىسمە رەببىكەل ئەئلا»نى كامىل ئوقۇپ، ئىككىنچى رەكەتتە «كاپىرۇن»، ئۈچىنچى رەكەتتە «ئىخلاس»سۈرىسىنى ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ.ساقلاشچاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا
ساقلاشئىستىخارە نامىزى توغرىسىدا
ئىستىخارە نامىزى بىر ئىشنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇنىڭدا ئىككىلىنىپ قالغان كىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن يولغا قويۇلغان، بۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت بولسا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، تېڭىرقاش ۋە ئەتراپقا قاراپ قىلىشتىن قۇتۇلۇپ ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشتۇر. تۆت مەزھەپ ئۆلىمالىرى: ئىنسان بىر ئىشتا ئىككىلىنىپ توغرا يۆلۈنۈشنى بىلەلمىگەندە ئىستىخارە نامىزىنى قىلىشقا ئىتتىپاققا كەلگەن بولۇپ، دۇئا نامازدىن كېيىن بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسنىڭ تەقەززاسىغا مۇۋاپىقتۇر.ساقلاشسۈننەت نامازلارنىڭ رەكئەت سانى قانچە؟ سۈننەت نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇسىمۇ بولامدۇ؟
تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر توغرا قاراشقا كۆرە ئون ئىككى رەكەت بولۇپ، بامداتنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى سالام بىلەن تۆت رەكەت، پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شام نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت.ساقلاشناماز ئادا قىلىش ياخشى بولمايدىغان ۋاقىتلاردا نەپلە ئىبادەتلەردىن قايسىسىنى قىلسا توغرا بولىدۇ؟
ساقلاش