بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
بىرىنچى: بۇ ئۆيدەجۈمە ۋە بەش ۋاقىت نامازنى جامائەتبولۇپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ، بەلكى بۇنداق قىلىشسىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى سىلەرياشاۋاتقان جاي جۈمە نامىزى ۋە بەشۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەر ئاسانتېپىلىدىغان مۇسۇلمانلار دىيارىغا ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭئۈچۈن ئۇ ئۆي سىلەرنىڭمەسچىتىڭلار بولىدۇ، ئۇ ئۆيدە بەزىباشقا دىندىكىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭبولىشى سىلەرنى ئۇ جايدا جامائەت بولۇپ نامازئوقۇشتىن چەكلەپ قويالمايدۇ.
سەئۇدىئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋاتەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ:"مۇسۇلمانلار باشقا دىننىڭئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئورتاق بولمىغان بىر جاينىئۆزلىرى ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلغان بولسا،بۇ جاي ئۇلارنىڭ مەسچىتى بولىدۇ، ئەگەرئۇنداق جاي تاپالمىسا، باشقا دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىبىلەن ئورتاق بولغان بىر جايدا ئىبادەت قىلسىمۇ دۇرۇسبولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْتەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقاتەقۋادارلىق قىلىڭلار. [سۈرە تەغابۇن16-ئايەت]. پەتىۋا بەرگۈچىلەر: شەيخئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاقئەپىپىي قاتارلىقلار. [سەئۇدىئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋاتەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى 2-توم 80-81-بەتلەر].
ئىككىنچى: ئورتاق بولغان ئۆيدەبۇت، كرېست بەلگىسى ياكى ھەيكەللەرمۇبولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ جايدا ھېچئىككىلەنمەستىن ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.چۈنكى بۇت-ھەيكەللەر بولمىغان چېركاۋدا(مەسچىت يوق بولسا) ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى بەلگىلەردىن خالى بولغانبۇ ئۆيدە ناماز ئوقۇش ئەلۋەتتەدۇرۇس بولىدۇ. چېركاۋدا ناماز ئوقۇشنىڭھۆكمى توغرىسىدىكى 147007-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغامۇراجىئەت قىلىنسۇن.
يەنە بۇ ئۆيگەخرىستىئانلار كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىبادەتلىرىنى قىلسىمۇ،بۇ ئىش سىلەرنى بۇ ئۆيدە جۈمە نامىزىۋە باشقا نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشتىنچەكلەپ قويالمايدۇ، چۈنكى بىز بىلەن باشقادىندىكىلەر بىر جايدا ناماز ئوقۇسىمۇ ئۇلار بىلەنبىزنىڭ نامىزىمىز ئارىسىدا باشقىلار ئايرىيالمىغۇدەك ھېچئوخشاشلىق يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى ئۇلاربىلەن بىر ئۆيدە ناماز ئوقۇۋاتقانھالەتتە كۆرگەنلەر قاراپلا ئايرىيالايدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچىدۇر.