0 / 0

ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاينى ئارقىغا سۈرۈش كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر» دېگەن ئايىتىنىڭ مەنىسى

سوئال: 165970

تەۋبە سۈرىسى 37- ئايەتتە چەكلەنگەن ئاينى ئارقىغا سۈرۈش دېگەن سۆزدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. ئەرەپ يىرىم ئارىلىدا ئاينى ئارقىغا سۈرۈش چەكلىنىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىش قانداق شەكىلدە بولغان؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىكىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا مۇنداقدەيدۇ: إِنَّمَا النَّسِيءُزِيَادَةٌ فِي الْكُفْرِ ۖ يُضَلُّ بِهِالَّذِينَ كَفَرُوا يُحِلُّونَهُ عَامًا وَيُحَرِّمُونَهُ عَامًا لِّيُوَاطِئُواعِدَّةَ مَا حَرَّمَ اللَّـهُ فَيُحِلُّوا مَا حَرَّمَ اللَّـهُ ۚ زُيِّنَ لَهُمْ سُوءُ أَعْمَالِهِمْ ۗ وَاللَّـهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَتەرجىمىسى: ئاينىئارقىغا سۈرۈش (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينىباشقا بىر ئايغا ئۆزگەرتىپ، يىلنىڭ 12 ئېيىنى 13 ئايغاكۆپەيتىش) كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر،بۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ئازدۇرۇلىدۇ؛ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىشئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارامقىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغانئاينى ھالال قىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يامانئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ كاپىرقەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.» [سۈرە تەۋبە37-ئايەت].

بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغانئاينى ئارقىغا سۈرۈش مەسىلىسىدىن بولغان مەقسەت توغرىسىدائۆلىمالارئوخشىمايدىغان قاراشلاردابولغان بولۇپ، بۇ توغرىدىكى ئەڭ مەشھۇرقاراشلار تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:

بىرىنچى: جاھىلىيەتدەۋرىدە ئەرەپلەر ئۇرۇش ھارامقىلىنغان (چەكلەنگەن) ئايلارنىڭ بەزىسىنىبەزى ئادەتتىكى ئايلارغا ئالماشتۇرۇپ، بۇ ئايدا ئۇرۇشقىلىشنى چەكلەيتتى. ئۇرۇش قىلىشچەكلەنگەن ئايلاردا ئۆزلىرى ئۈچۈنچەكلەگەن بەزى نەرسىلەرنى ئالماشتۇرغانئايلاردا ئېھتىياجى بويىچە ئۆزلىرىگە ھالال دەپھۆكۈم قىلىپ ئىستىمال قىلاتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئايلارنىڭ سانىنىئەسلىدىكى ئون ئىككىدىن زىيادە قىلالمايتتى پەقەتئايلارنىڭ ئورىنىنى ئالماشتۇراتتى.ئۇلار بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن زۇلقەئەدە، زۇل ھەججە ۋەمۇھەررەم ئايلىرىنىڭ ۋاقتىنىڭئۇزۇن بولغانلىقى سەۋەبىدىن مۇھەررەمئېيىنى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنمىگەن ئايغائۆزگەرتىپ، بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىشنى ھالال(توغرا)دەپ قارايتتى. ئاندىن مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئورنىغاسەپەر ئېيىنى ئۇرۇش قىلىشچەكلەنگەن ئاي قىلىپ ئالماشتۇراتتى. گوياكى ئۇلارخۇددى بىر نەرسىنى قەرىز بېرىپ ئاندىنۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ قەرىزنى تولۇق ئادا قىلغانغائوخشاش ئىش قىلاتتى. مانا بۇ ئەرەپلەرنىڭئايەتنىڭ مەنىسىگە مۇۋاپىقشەكىلدە ئايلارنى ئالماشتۇرۇشتىكى ئەڭ توغراۋە مەشھۇر بولغان ئىشلىرىدۇر. كۆپچىلىكسەلەپ ئالىملىرىمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان، ئىبنىكەسىر ۋە باشقا تەتقىقاتچى ئالىملارمۇ بۇقاراشنى تاللىغان. چۈنكى بۇ قاراش ئاللاھ تائالانىڭمۇنۇ ئايىتىنىڭ مەنىسىگە مۇۋاپىقكىلىدۇ: يُحِلُّونَهُ عَامًاوَيُحَرِّمُونَهُ عَامًا تەرجىمىسى: ئۇنىبىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارام قىلىدۇ [سۈرە تەۋبە37-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

سەئۇدى ئەرەبىستاندائۆتكەن كاتتا ئالىم شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھمۇ ئايەتتىكى ئاينى ئارقىغاسۈرۈش دېگەن سۆزنى مۇشۇسۈرەتتە چۈشەندۈرگەن.

ئىككىنچى: ئىمام ئىبنى كەسىررەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك، ئۇلار بىر يىلىمۇھەررەم بىلەن سەپەر ئېيىنىئۇرۇش ھالال قىلغان ئاي دەپ بۇ ئىككى ئاينى ئىككىسەپەر ئېيى دەپ ئاتىسا، كىلىدىغان يىلى بۇ ئىككىئاينى ئۇرۇش قىلىش چەكلەنگەن ئاي دەپ قاراپبۇ ئىككى ئاينى ئىككى مۇھەررەم دەپ ئاتايتتى. مانابۇمۇ ئاينى ئارقىغا سۈرۈشنىڭ ئوخشىمايدىغان بىرشەكلى.

ئۈچىنچى: ئۇلارمۇھەررەم ئېيىنى ئۇرۇش قىلىشچەكلەنمىگەن ئاي دەپ بىكىتىتتى، ئەگەرئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا سەپەر ئېيىنىمۇئۇرۇش قىلىش چەكلەنمىگەن ئاي دەپ قاراپ،بۇنىڭ ئورنىغا رەبىئۇل ئەۋۋەلئېيىنى ئالماشتۇرىتتى. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھبۇ قاراشنى ئىنكار قىلغان.

ئەمما ئەرەپ يېرىمئارىلىدا ئىسلام دىنى مەيدانغا كىلىشتىن ئىلگىرى داۋاملاشقان كىيىنئىسلام دىنى چەكلىگەن ئاينى ئارقىغا سۈرۈش ئىشى توغرسىدائىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداقدەيدۇ:” سىيرەت ئالىملىرىدىن بىرى بولغان ئىمام ئىبنىئىسھاق رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سىيرەت كىتابىدابۇ مەسىلە توغرىسىدا ناھايتى ئوچۇق ۋەپايدىلىق بولغان سۆزلەرنى قىلىپ مۇنداق دېگەن: “ئەرەپلەرئارىسىدا دەسلەپتە ئايلارنى ئارقىغا سۈرۈشيەنى ئۇ ئايلاردىن ئاللاھ تائالا ئۇرۇش قىلىشنىچەكلىگەن ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنىچەكلىمەسلىك، ئاللاھ تائالا ئۇرۇش قىلىشنى يولغا قويغانئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى چەكلەش” تىن ئىبارەتبۇ ئىشنى “ئەلقەلەممەس” يەنىھۇزەيپە ئىبنى ئەبدۇ مۇدرەكەپۇقەيم ئىبنى ئۇدەي ئىبنى ئامىر ئىبنىسۇئلەبە ئىبنى ئەلھارىس ئىبنى مالىك ئىبنى كەنانەئىبنى خۇزەيمە ئىبنى مۇدرەكە ئىبنى ئىلياس ئىبنىمۇزەر ئىبنى نەزار ئىبنى مەئەددە ئىبنىئەدنان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغلىئەبباد دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى،ئۇنىڭدىن كىيىن ئەببادنىڭ ئوغلى قەلەئەئىبنى ئەبباد دادىسىنىڭ ئىشىغا ۋارىسلىق قىلدى، قەلەئەدىنكىيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئۇمەييە ئىبنى قەلەئەدادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇنىڭدىن كىيىنئوغلى ئەۋپ ئىبنى ئۇمەييە ئۇنىڭدىنكىيىن ئۇمەييەنىڭ ئوغلى ئەبۇسۇمامە جۇنادەتە ئىبنى ئەۋپدادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇ بالىلارنىڭئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدەئىسلام دىنى مەيدانغا كەلدى. ئەرەپلەرجاھىلىيەت دەۋرىدە ھەج پائالىيەتلىرىدىنبىكار بولغاندا ئەبۇ ئۇسامە جۇنادەتە ئىبنىئەۋپنىڭ يېنىغا توپلىشاتتى. ئۇ ئورنىدىنتۇرۇپ ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلەپ بۇيىلى رەجەب، زۇل قەئەدە ۋەزۇل ھەججە ئايلىرىنى ئۇرۇشچەكلەنگەن ئاي ۋە مۇھەررەمنىئۇرۇش چەكلەنمىگەن ئاي دەپ ئېلانقىلاتتى، مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئورنىغاسەپەر ئېيىنى ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايقىلاتتى. ئۇلاراﷲ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىشئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارامقىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار اﷲ ھارام قىلغانئاينى ھالال قىلىدۇ، ھالال قىلغان ئاينى ھارام قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ مەشھۇر شائىرى ئۇمەير ئىبنى ئەلقەيس ئۇلارنىڭبۇ ئىشلىرىدىن پەخىرلىنىپ مۇنداق دەيتتى:(شىئىرنىڭمەناسى) مەن ئايلارنىڭ قايتىش ئورنىدىن شۇنى بىلدىمكى. مېنىڭقەۋمىم ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ ئېسىل كىشىلەرئىكەن، ئۇلارنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرى كۆپئىكەن، بىز ئايلارنىڭ قايتىشنى ئورنى بويىچە ئايلارنى ئارقىغا سۈرۈپئۇرۇش ھالال قىلىنغان ئاينى ئۇرۇشچەكلەنگەن ئاي قىلىمىز، باشقا ھېچ بىر ئىنسان بۇنىتاپالمايدۇ ۋە ھېچ بىر ئىنسان بۇنىڭتۇتقۇچىنى بىلمەيدۇ”.[“ئەلئەزبۇن نەمىير مىن مەجالىس ئەلشەنقىيتى”ناملىق ئەسەر 5-توم 439-بەت. “تەپسىرى ئىبنىكەسىر” 4-توم 144-بەت. ۋە ئۇنىڭدىنباشقا “تەپسىر تەبەرىي” 14-توم 235-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنىبىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android