
ئەقىيدە
غەلىبە قىلىنغۇچى جامائەتنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا
مۇسۇلمانغا ھەقكە ئەگىشىش، سەلەپ سالىھلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئەھلى سۈننە ۋەل جامائەدىن بولغان غەلبە قىلىنغۇچى جامائەت بىلەن بىرگە يۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ. غەلبە قىلىنغۇچى جامائەتنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇلار ھەق ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى بەرپا قىلغۇچى بولىدۇ، ئۇلار قىيامەتكىچە غەلبە قىلغان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇلار سەۋرچان ۋە سەبر قىلغۇچىلاردۇر.ساقلاشباھانى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بىر كۈننى"قارا جۈمە" دەپ ئاتاپ تىجارەت قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
قارا جۈمە دەپ ئاتىلىدىغان كۈندە ئىلىم-سېتىم قىلسا بولىدۇ، ئۈ كۈندە باھاسى چۈشۈرۈلىدىغان ماللاردىن ئىلىپ پايدىلانسا بولىدۇ، گەرچە بۇ كۈن شۈكۈر بايرىمى ياكى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىلىدىغان كۈن بولسۇن ياكى ئۇ كۈندە ھېيت-بايراملىق سوغاتلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بولسۇن، مادامىكى سېتىۋالغۇچى دۇرۇس نەرسىلەرنى سېتىۋالغان بولسا، يېڭى يىل بايرىمى دېگەندەك بايراملارغا ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالمىسا توغرا بولىدۇ. ئەمما كاپىرلار ھەر يىلى بۇ كۈننى كۈتىدىغان بولۇپ، بۇ كۈننى مالنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە، تىجارەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا خاس قىلىپ ئاتىغان بولسا، بىزگە بۇ كۈندە كاپىرلارغا ئوخشاپ ئېلىم-سېتىم قىلىش توغرا بولمايدۇ، بىزنىڭمۇ بۈ كۈننى دۇكانلىرىمىزدىكى ماللارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈشكە خاس قىلىشىمىز توغرا بولمايدۇ، مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قايسىسى شۇ كۈندە كەلسە ئۇ ماللاردىن ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغانلىرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ.ساقلاشقىيامەتنىڭ چوڭ-كېچىك ئالامەتلىرى توغرىسىدا
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ۋە قىيامەتنىڭ يېقىندا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ۋە قىيامەتتىن بۇرۇن يۈز بېرىدىغان شەرتلىرىنى ئۆلىمالار چوڭ ۋە كېچىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىغان، قىيامەتنىڭ كېچىك ئالامەتلىرىدىن: 1-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى. 2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولىشى. 3-بەيتىل مۇقەددەسنىڭ پەتىھ قىلىنىشى. 4-پەلەستىن زېمىنىدا يۈز بەرگەن "ئەمۋاس" ناملىق ۋابا كېسىلى. 5-مال-دۇنيانىڭ كۆپ بولىشى ۋە كىشىلەرنىڭ سەدىقىدىن بىھاجەت بولىشى. 6-پىتنىنىڭ يامرىشى. 7-پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچى يالغانچىلارنىڭ مەيدانغا چېقىشى. 8-ھىجاز زېمىنىدا ئوتنىڭ كۆرۈلۈشى. 9-ئامانەتنىڭ زايە بولىشى. 10-ئىلىمنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ قەبزى روھ قىلىنىشى ۋە نادانلىقنىڭ يامرىشى. 11-زىنا-پاھىشەنىڭ كەڭ تارىشى. 12-جازانىنىڭ ئومۇملىشىشى. 13-ناخشا-مۇزىكىنىڭ ئاشكارا بولىشى. 14-ھاراقكەشلىكنىڭ كۆپ بولىشى. 15-پادىچىلارنىڭ ئېگىز بىنالارنى سىلپ پەخىرلىنىشى قاتارلىقلار. قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى ئون تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار: 1-دەججالنىڭ چېقىشى. 2-ئىسا ئىبنى مەريەمنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى. 3-يەجۈجە ۋە مەجۈجەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى. 4-ئۈچ قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇش: كۈن چېقىش تەرەپتە، كۈن پېتىش تەرەپتە ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كۈن تۇتۇلۇش. 5- ئالەمنى تۈتەك قاپلىشى. 6-كۈننىڭ مەغرىپتىن چىقىشى. 7- چوڭ ھايۋاننىڭ مەيدانغا چىقىشى. 8-ئىنسانلارنى مەھشەر مەيدانىغا سۈرۈپ ئاپىرىدىغان ئوت.ساقلاشدىلىمىزدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قانداق زىيادە قىلىمىز؟
ساقلاشئىمانىنىڭ تىل بىلەن ئىقرار، دىل بىلەن تەستىقلاش، ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى توغرىسىدا
ئەھلى سۈننە ۋەل جامائە ئۆلىمالىرى ئىماننىڭ: سۆز ۋە ئەمەل ئىكەنلىكى ياكى تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن تەستىقلاش، بەدەن بىلەن ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى. بۇنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە ۋە مۇشۇ ئىماننىڭ جۈزئىلىرى دەپ بايان قىلىنغان ھەدىسلەرگە تاياندى، بۇ دەلىللەرنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن تەپسىلى جاۋابقا قارالسۇن.ساقلاش