
ئەقىيدە
ئەۋلىيالار كىم ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرى قانداق بولىدۇ؟
ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى دېگەن: ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالانى كۆزىتىپ، مۇراقىبە قىلىدىغان، بۇيرۇقلىرىنى لازىم تۇتۇپ چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولىدىغان تەقۋادار ئىمانلىق كىشىلەردۇر. بەندىنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ دەرىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھقا يېقىنلىقى، ياخشى كۆرۈشى ۋە ئىگە بولىشى قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا نېسىۋىسى بولىدۇ. ئاللاھقا يېقىن بولۇش بىر كىشىگىلا مونوپۇل قىلىنغان ئەمەس، ياكى ئىنسانلاردىن مەلۇم تەبىقىدىكى كىشىلەرگىلا بېرىلگەن ئىمتىياز ئەمەس، بۇنىڭغا مىراس بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بەلگە -ئالامەتلەر بىلەن يەتكىلى بولمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنى ئاللاھنىڭ ئەسھابىلىرى دەپ ئاتاش توغرىسىدا سەھىھ دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمىز.ساقلاشئاللاھنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىكى توغرا پرىنسىپ توغرىسىدا
ساقلاشئىسلام ئەقىدىسى رىئاللىققا ئۇيغۇن پىرىنسىپتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مۇھىم كىتابلار توغرىسىدا
ئىسلام ئەقىدىسى قۇرۇق پەلسەپە پرىنسىپى ئەمەس، بەلكى رىئال ئەمەلىي پرىنسىپتۇر، ئەمەل بولسا مۇشۇ ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىر ئامىلدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى سۈننە ئالىملىرى ئىماننىڭ: سۆز ۋە ئەمەل ئىكەنلىكىگە ياكى تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن ئېتىقاد قىلىش ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. توغرا ئەقىدىنى ئۆگىنىشنىڭ يوللىرى بولسا، توغرا ئەقىدىنى بىلىدىغان، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىدىغان ئالىملاردىن بىۋاستە تەلىم ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر، مانا بۇ ئىمكانىيىتى بولغان كىشى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ۋە توغرا بولغان يولدۇر. بۇ توغرىدا تەپسىلى جاۋاپتا بايان قىلىنىدىغان ئەقىدە كىتابلىرىغا قارالسۇن.ساقلاششاھادەت كەلىمىسىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا
ساقلاشئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆپ ئاياللىق بولىشىنى ياقتۇرماسلىقى ئىسلامنى بۇزىدىغان ئامىللارنىڭ قاتارىغا كىرەمدۇ؟
ساقلاشقەبرىنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىش ۋە شاپائەتنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا
ساقلاشسۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا
ساقلاشتەۋرات، ئىنجىل ۋە زەبۇر قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ ھەقىقى كالامىمۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا
ساقلاشپەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىلىرى توغرىسىدا
ساقلاشمۇسىبەتكە دۇچار بولغاندا ئوقۇلىدىغان پاناھلىق تىلەش دۇئالىرى توغرىسىدا
قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە پىتنىدىن ساقلىنىشتا ئوقۇلىدىغان دۇئالار: «ئى ئاللاھ! بىز سىلىنى ئۇلارنىڭ كىكىرتىكىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن سىلىگە سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمىز». «ناھايىتى مېھرىبان ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر، بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر. ئاسمانلارنىڭ، زېمىنلەرنىڭ ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر». ئەڭ ئېسىل ھەلىم بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر. ئەڭ بۈيۈك، كاتتا ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر، يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئېسىل ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر». «ئى ئاللاھ! سىلە مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم، سىلە ماڭا ياردەم بەرگۈچى، سىلىنىڭ ياردەملىرى بىلەن ئىشلاردا تېرىشچانلىق قىلىمەن». «ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بولغان قۇرئان كەرىم بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، بەندىلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، ھازىر بولغان شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن». «ئى ئاللاھ! سىلىنىڭ رەھمەتلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن، مېنى كۆز يۈمۈپ ئاچقىچىلىك بولغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىسىلا، مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى ئىسلاھ قىلغايلا، سىلىدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر». «ئى دائىم ھايات بولغان ۋە بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ئاللاھ! سېنىڭ رەھمىتىڭ بىلەن سەندىن ياردەم تىلەيمەن». «ئى رەببىم ئاللاھ! سىلىگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن».ساقلاش